چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى چوڭ يۇلتۇزگۈلباغ يېزىسىنىڭ توشقانبۇلاق دىگەن جايىغا جايلاشقان. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى

خەنزۇچە نامى :铁吉克佛寺遗址

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى :چوڭ يۇلتۇزگۈلباغ يېزىسى

قوغدىلىشى :ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى

تۇنۇشتۇرۇلىشى

4پارچەتېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىتېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى چوڭ يۇلتۇزگۈلباغ يېزىسىنىڭ توشقانبۇلاق دىگەن جايىغا جايلاشقان. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى. 

ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تەكشى يۈزى چاسا شەكىلدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 40 مېتىر. ھازىر قالدۇق ئىبادەتخانىسى بـار بۇلۇپ، قالدۇق ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدە ئىككى ئورۇندا ساقلىنىپ قالغان ئۆي خارابىلىرى بولۇپ، كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىرى 10.2x5 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر. يەنە بىرى 12x4.6 مېتىر, قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېاىدۇ. ئىشىكىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر. خارابىلىقتا شىمالىي قىسمىدىكى تاغ باغرىغا قېزىلغان بىر قانچە تاش غار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان تام رەسىملىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏