چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئادەتتە كومپيۇتېر (ۋە باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى) نىڭ دىسكىسىنى ساقلاش ماددىسى قىلىدۇ. كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ ياردىمىدە ياسىلىدۇ ۋە يۇمشاق دېتال شەكلىدە ئوپتىك دىسكا ياكى تور ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش شەكلى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىزدەش ئۈچۈن ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ. يېڭى سۆزلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر مىقدارى ئىنتايىن زور بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئېلېكترونلۇق لۇغەت

خەنزۇچە نامى :电子词典

قىسقىچە بايان

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش زور دەرىجىدە ئاسانلاشقان، قوللىنىش دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيگەن. كومپيۇتېر تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى تەتقىق قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

تەتقىقاتچىلار 1950-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 60-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بۇ تەتقىقاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما، ھەر خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن كېيىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. 80-يىللارغا كەلگەندە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقاتى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى بولۇپمۇ CD-ROM (ئوقۇشقا بولىدىغان ئىخچام دىسكا يەنى نۇر دىسكا)نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ماشىنا تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ خەلقئارادا يېڭى بىر خىل گىرەلەشمە پەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت (يەنى electronic lexicography) ئىلمىي بارلىققا كەلگەن. بەزى دۆلەتلەر ھەتتا ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرغان.

گەرچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئىلمىي شەرھىسى كەم. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ قەغەز لۇغەتكە ئوخشىمايدىغان پەرقى شۇكى ئۇ كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ساقلاش ماددىسى قىلغان. ئۇنىڭ ياردىمىدە سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەشكە، مەنا شەرھىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئىزدەش ئۇسۇلى كۆپ خىل، ئىزدەش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولۇپ، نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەبىئىي تىل لۇغىتى ۋە ماشىنا تەرجىمە تەتقىقاتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كومپيۇتېر تىل لۇغىتىدىن ئىبارەت. ئۆز ئىچىگە ئالغان تىل تۈرىگە ئاساسەن تاق تىللىق، قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق لۇغەتلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئۇيغۇر تەبىئىي تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرىنچى تۈردىكى لۇغەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏