چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :Ubuntu

خەنزۇچە نامى :乌班图

چۈشەنچە 

6پارچەUbuntuWindows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows  بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگەWindows  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏