چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى تەۋەسىدىكى چىمەن كەنتىگە جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، كۆلىمى 45 موغا يېتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى

خەنزۇچە نامى :齐满湖休闲度假区

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى :شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى چىمەن كەنتى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى 

4پارچەچىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھىچىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىق مەنزىرىسى كۆل سۈيى، كۆلنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى كىچىك ئارال بار بۇلۇپ، ئەتراپى قۇم بارخانلىرى، قومۇش، توغراق، مەنزىرە سۇ قاتارلىق قوشۇمچە لاندشاپلاردىن تەركىب تاپقان. 

چىمەن قومۇشلۇق كۆلدە كۆپ مىقداردا قومۇش ئۆسىدۇ، قومۇش ئارقىسىدا شىنجاڭدىكى داڭلىق ئىتباش بېلىق، تاپانبېلىق، كاراس بېلىقى، ۋۇچاڭ بېلىقى، سازاڭبېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار بار. كۆلدە كىچىك ئارال بار بۇلۇپ، كۆلنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بۈك-باراقسان يۇلغۇن، قومۇش، ئېگىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئون نەچچە مىڭ مو بىپايان سۇلۇق يەر بار؛ كۆل ۋە سۇلۇق يەرنىڭ ئارىلىقىدا بىر توسما بار، نۇرغۇن قوشماق ئۆردەك (سۇقسۇر)، قوڭۇر باش بېلىق ئالغۇچ، بېلىقئالغۇچ، ساقىيقۇش، ياۋا غاز، ئاققۇ، قارا لەيلەك، قارا تۇرنا قاتارلىق كۆپ خىل ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلارنىڭ 100 نەچچە خىلى بۇ سۇلۇق قۇمۇشلۇق يەردە ياشايدۇ. 

نەم يەرنىڭ جەنۇبىدا كەڭ كەتكەن توغراقلىق بار، كۆلنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى قۇم، پۈتكۈل چىمەن كۆلى مەنزىرىسى جىمجىت، نەپىس كۆرسىتىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏