چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى دائىرىسى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق بولغان ئۆزگىچە كىلاسسىك مەدەنىيەت باغچىسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى

خەنزۇچە نامى :昌吉人民公园

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

قاراشلىق رايون :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئورنى :سانجى شەھىرى

دەرىجىسى :دۆلەتلىك 2A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1984-يىلى

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى :396 مو

سېلىنغان مەبلەغ :1 مىليون 500 مىڭ

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

8پارچەسانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىسانجى شەھىرى خەلق باغچىسى خاراكتېرى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئورنى بولۇپ، ئۇ بولسا شەھەر ئاھالىسىنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، پەن-مەدەنىيەت تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سورۇن ۋە شەھەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى قانات يايدۇردىغان، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە يېشىللاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. خەلق باغچىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان، كۆلىمى 264 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 37 مىڭ 100 كىۋادرات مېتىر، يېشىللىق كۆلىمى 63 مىڭ كىۋادرات مېتىر، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇ سانجى ئوبلاستى تەۋەسىگە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال باغچا، شۇنداقلا سانجى شەھىرىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر بىر كونا شەھەر قۇرۇلۇشى مەنزىرە رايونى. خەلق باغچىسى شەھەر داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي يادىكارلىقلار بار، گۈزەل ۋە يېقىشلىق قورونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە زامانىۋى پۇراققا ئىگە.

خەلق باغچىسى پىلانىدا تارىخىي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كلاسسىك باغ-ئورمان ئالاھىدىلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپە ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى كىرىشتۈرۈپ، باغچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇسلۇبى ئارىلاشما شەكىلدە قوللىنىلغان.  

باغچىنىڭ بىر قانچە چوڭ رايونلىرى: 

ئالدى ئىشىك مەيدانى بولسا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن مەيدانى، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش رايونى. 

خەلق باغچىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. باغچا 2003-يىلى دۆلەتلىك 2A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏