چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1141-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى

خەنزۇچە نامى :最高人民法院关于审理破坏森林资源刑事案件具体应用法律若干问题的解释

ماقۇللانغان ۋاقتى :2000-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2000-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئاساسىي مەزمۇنى 

ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇنداق دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:

1-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخ» ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى باشقا تارماقلار بېكىتكەن چوڭ تارىخىي خاتىرىلىك ئەھمىيىتىنى ھازىرلىغان، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى بولغان ياكى تارىخى ئۇزۇن بولغان قەدىمكى دەل-دەرەخلەر، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشىنى مەنئى قىلغان، چەكلىگەن ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەر، شۇنداقلا دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن دەل-دەرەخلەرنى كۆرسىتىدۇ.

2-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى سادىر قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەرنى قانۇنسىز كەسكەن ۋە ۋەيران قىلىش قىلمىشىدا بولغانلار «قىلمىشى ئېغىر بولغانلار»غا كىرىدۇ:

(1) قانۇنسىز كەسكەن ئەتىۋارلىق دەل-دەرىخى ئىككىدىن ئاشسا ياكى ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئۈچتىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛

(2) قانۇنسىز كەسكەن ئەتىۋارلىق دەل-دەرىخى ئىككى كۇب مېتىردىن ئاشسا؛

(3) ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەرنى قانۇنسىز كېسىشكە ياكى ۋەيران قىلىشقا تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، قوماندانلىق قىلغان بولسا؛

(4) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.

3-ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى ھازىرلىغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورماننى ئوغرىلىقچە كېسىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:

(1) دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى باشقىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان ئورمان ياكى باشقا دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغا كەسكەنلەر؛

(2) ئورۇنلار ياكى ئۆزى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقا ئورمان ياكى باشقا دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغا كەسكەنلەر؛

(3) ئورمانلارنى كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ھالقىپ باشقا جايدىكى دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى باشقىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقان ئورمان ياكى دەل-دەرەخلەرنى كەسكەنلەر.

4-ماددا ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل-دەرەخنىڭ «مىقدارى كۆپرەك» بولۇشتا، 2 دىن 5 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 100 دىن 200 تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ؛ ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل-دەرەخنىڭ «مىقدارى ناھايىتى كۆپ» بولۇشتا، 20 دىن 50 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 1000 دىن 2000 تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىدۇ؛ ئوغرىلىقچە كەسكەن دەل-دەرەخنىڭ «مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ» بولۇشتا، 100 دىن 200 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 500 دىن 10 مىڭ تۈپكىچە كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.

5-ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى ھازىرلاپ، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورمانلارنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:

(1) ئورمانچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان ياكى ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، سان، دەرەخ تۈرى ياكى ئۇسۇللارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئورنى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان ياكى باشقا دەل-دەرەخلەرنى كەسكەنلەر؛

(2) ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ساندىن ئاشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورمان ياكى باشقا دەل-دەرەخلەرنى كەسكەنلەر.

ئورماننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا قارىتا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بىر تەرەپ ئورماننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، ئورمان ياكى باشقا دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئالدىغا كەسكەنلىرىدىن، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرى ئورماننى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6-ماددا كەلسە-كەلمەس كەسكەن ئورماننىڭ «مىقدارى كۆپرەك بولۇشتا، 10 دىن 20 كۇب مېتىرغىچە ياغاچ ياكى 500 تۈپتىن 1000 تۈپكىچە بولغان كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ؛ كەلسە-كەلمەس كەسكەن ئورماننىڭ «مىقدارى ناھايىتى كۆپ» بولۇشتا، 50 دىن 100 كۇب مېتىرغىچە بولغان ياغاچ ياكى 2500 تۈپتىن 5000 تۈپكىچە بولغان كۆچەت باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.

7-ماددا بىر يىل ئىچىدە ئاز مىقداردىكى كۆچەتنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە-كەلمەس كەسكەنلەردىن ئوغرىلىقچە كەسكەن، كەلسە-كەلمەس كەسكەن ئورمىنىنىڭ مىقدارىنى يىغىپ ھېسابلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

8-ماددا ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە، كەلسە-كەلمەس كەسكەن ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 -، 345-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك.

9-ماددا دۆلەت، كوللېكتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى كېسىلىپ بولغان دەل-دەرەخنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئوغرىلىقچە باشقىلارنىڭ ئۆينىڭ ئالدى-كەينى قالدۇق يەرلىرىگە تىككەن تارقاق دەل-دەرەخلەرنى كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئوغرىلىق جىنايىتى بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

10-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 345-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن دەل-دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش»تىكى «بىلىپ تۇرۇپ» دېگىنىمىز، بىلگەن ياكى چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، چوقۇم بىلگەن دەپ قارىلىدۇ، بىراق دەلىل-ئىسپاتلاردا ھەقىقەتەن ئالدانغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) قانۇنسىز ياغاچ-ماتېرىياللىرى سودا بازىرىدىن سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز سېتىۋالغۇچى ئورۇن سېتىۋالغان ياغاچ ماتېرىياللار؛

(2) بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان ياغاچ ماتېرىياللىرى؛

(3) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىلغان ياغاچ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغانلار.

11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى سادىر بولسا، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن ئورمانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشتىكى «قىلمىشى ئېغىر» بولۇشقا ياتىدۇ:

(1) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن 20 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچ ياكى 1000 تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛

(2) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن 2 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچ ياكى بەش تۈپتىن يۇقىرى ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛

(3) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى سادىر بولسا، ئورمان رايونىدا ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن ئورمانلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش قىلمىشىدىكى «قىلمىشى ئېغىر» بولۇشقا ياتىدۇ:

(1) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن 100 كۇب مېتىردىن يۇقىرى دەل-دەرەخ ياكى 5000 تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغان بولسا؛

(2) ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن 5 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەر ياكى 10 تۈپتىن يۇقىرى كۆچەتنى قانۇنسىز سېتىۋالغان بولسا؛

(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولسا.

12-ماددا ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ خادىملىرى ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يىلدا كېسىلىدىغان چەكتىن ئاشۇرۇپ ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىنى تارقاتقان ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئورمانلارنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە-كەلمەس تەستىقلاپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرنى سادىر قىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 407-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئورمانلارنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان»غا ياتسا، ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسىنى قانۇنسىز تارقىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك:

(1) تارقىتىلغان ئورمان كېسىشكە رۇخسەت قىلىش ئىجازەتنامىسىدىكى كېسىلگەن ئورماننىڭ مىقدارىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا تەستىقلانغان يىللىق ئورمان كېسىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئورماننىڭ كېسىلىش مىقدارى 10 كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولسا؛

(2) كەلسە-كەلمەس ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ، 20 كۇب مېتىردىن ئارتۇق ئورماننىڭ كەلسە-كەلمەس كېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛

(3) كەلسە-كەلمەس ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ، ئەتىۋارلىق دەل-دەرەخلەرنىڭ كەلسە-كەلمەس كېسىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛

(4) دۆلەت كېسىشنى مەنئى قىلغان ئورماننى كېسىشنى تەستىقلاپ، قىلمىشى قەبىھ بولسا؛

(5) قىلمىشى ئېغىر بولغان باشقا ئەھۋاللار.

13-ماددا ئورمان كېسىش ئىجازەتنامىسى ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توشۇش گۇۋاھنامىسى، ئورمان، ياغاچ ماتېرىياللىرى، ئورمان ھوقۇقى ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى، ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ياكى ئېلىپ ئىشلىتىشنى تەستىقلاش ماقۇللۇقنامىسى، كۆچەت يېتىشتۈرۈش فوندى قاتارلىق ھەق ئېلىش ھۆججەتلىرى، شۇنداقلا دۆلەت ئورگانلىرى تەستىقلىغان باشقا ئورمانچىلىق كەسپى گۇۋاھنامىسىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، سېتىپ - سېتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسى 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى سېتىش-سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەم جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 225-ماددىسى، 280-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك.

14-ماددا بەش كۇب مېتىردىن يۇقىرى ياغاچنى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتسە، ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەن ئورماننىڭ «مىقدارى كۆپرەك» بولغانغا ياتىدۇ؛ 20 كۇب مېتىردىن يۇقىرى ئورماننى ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتسە، ئادەم توپلاپ بۇلاپ كەتكەن ئورماننىڭ «مىقدارى بىرقەدەر كۆپرەك»كە ياتىدۇ؛ باش جىنايەتچى ۋە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا جىنايى ئىشلا قانۇنىنىڭ 268-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم توپلاپ بۇلاش جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

15-ماددا قانۇنسىز ئۇرۇق ئېلىش، مايسا ئېلىش، بامبۇك نوتىسى كولاش، يىلتىزىنى ئېلىش، دەرەخ قوۋزىقىنى ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئېرىشكەن ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە، بىرقەدەر ئېغىر جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

16-ماددا ئورۇن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 334-ماددىسى، 345-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلسا، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ، 

17-ماددا بۇ ئىزاھاتتا بەلگىلەنگەن ئورمان سانى ئۆسۈۋاتقان دەرەخ زاپىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەسلىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن شۇ دەرەختە چىقىرىۋەتكەن ماتېرىيالنىڭ نىسبىتىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

بۇ ئىزاھاتتا دېيىلگەن «كۆچەت» دىئامېتىرى بەش مىللىمېتىردىن تۆۋەن دەرەخنى كۆرسىتىدۇ.

كەلسە-كەلمەس كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ سانى، كېسىلگەن رايوننى تەكشۈرۈپ لايىھىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان خاتالىق پەرقىنى سوممىدىن يۇقىرى ھېسابلاش كېرەك.

18-ماددا بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ ئوغرىلىقچە كېسىپ، كەلسە-كەلمەس كېسىپ بامبۇك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارغانلارغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش مەسىلىسىدە، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىشى ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك.

19-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 4-ماددىسى، 6-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مىقدار ئۆلچىمى ئىچىدە، ئۆز رايونى ئىجرا قىلىدىغان كونكرېت مىقدار ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏