چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تائاملىرىمىزنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، تائام تەييارلاش سايمانلىرىمىزمۇ كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاسقان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

چۈشەنچە 

قاسقانچىلىقغەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي خاتىرىسى ۋە ھاياتلىق گېنى. 60 يىلدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە پائال تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ «بىر گەۋدە كۆپ مەنبە» لىك مەدەنىيەت خىزمىتى تەسەۋۋۇرى نامايان قىلىنىپ، «قوغداشنى ئاساس، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەك خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاساس، مۇندەرىجە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋاسىتە، ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قوغداش ئېڭى، ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئېڭى، زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەش ئېڭى پائال ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن.

قاسقاننىڭ ياسىلىشى 

2پارچەقاسقانچىلىققاسقان ئاساسەن يەرلىك قاراتېرەك ياغىچى (تاغ تېرىكى بولمايدۇ)، يىپ، شوينا، ماتا (خام) لاردىن ياسىلىدۇ. 

قاسقان ياسىغاندا رەندە، كەكە، قول ھەرىسى، توغرا بىسلىق پىچاق، يىڭنە (دىرەش)، ئۈشكە، تانا، تاختاي ئىگىدىغان چىغرىق شەكلىدىكى ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدۇ.

قاسقان ياسىغاندا قاراتېرەك ياغىچى ئۆلچەمگە لايىق قىلىپ تىلىنىدۇ. تاختاينىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتېر، قىلىنلىقى 6 مىللىمېتىر بولىدۇ. تاختاي ھۆل بولسا ئاپتاپقا قاقلاپ شىرشىم قىلىنىدۇ. ئەگەر قۇرۇق بولسا بىر سوتكا سۇغا چىلاپ ھاۋىسى تەڭشىلىدۇ (شىرشىم قىلىنىدۇ). ئادەتتە قاسقان چەمبىرىكىنىڭ دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاختاي 2 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تىلىنىدۇ.

تىلىنغان شىرشىم تاختاي سۇس ئوت قالانغان چىغرىق شەكىلدىكى مەشتە ئىگىلىدۇ. ئىگىشتە تاختاي ئۇچى چىغرىق ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئوڭ قولدا تاختاي بېسىلىپ، سول قولدا تاختاي ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىرشىم تاختاي ئوتنىڭ تەپتىدە چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ. قاسقان ئايلانمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئىككى بېشى شوينا بىلەن چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئايلانمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى تەرەپتىن 15 سانتىمېتىردىن ئۇچى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تاختاي قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ قاسقان ئىچىدىكى قىسمى قاسقان ئىچىگە قويۇلىدىغان شادا ياغاچلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش، سىرتقا چىققان قىسمى قاسقاننىڭ تۇتقۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئىچىگە 4 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا، 1 سانتىمېتىر كەڭلىكتە تىلىنغان شادا ياغاچلار 1 سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ شوينا بىلەن چېتىپ تۇرغۇزىلىدۇ. شادىلار قاسقانغا تىزىلغان تائامنى كۆتۈرۈپ تۇرسا، قالدۇرۇلغان ئارىلىقتىن ھور ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، قاسقاننىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئايلانما چەسۋەك قويۇلىدۇ. بۇ ئۈستىگە قويۇلغان دەستىلىمە قاسقاننى كۆتۈرۈپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قاسقانلار يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىپ بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلىدۇ. قاسقاننىڭ ئۈستى (قاپقىغى) تاختاي بىلەن توسالغاندىن سىرت ماتا قاپلىنىدۇ، بۇنىڭ ھورنى توسۇش ۋە ياغاچنى كىر قىلماسلىق رولى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏