چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فرې مىسىن دۇنيا بانكىسى ھەم دۇنيا پۇل-فوندا تەشكىلاتى ئارقىلىق دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى كونترول قىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق دۇنيا يېزا–ئىگىلىكى ھەم ئاشلىقىنى كونترول قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى، پۈتۈن دۇنيا «بىر ئىدىيە»،«بىر تۈزۈم»، «بىر دۇنيا ھۆكۈمىتى» ئاسىتىدىكى ھۆكۈمەتنى قۇرۇش.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :فرې مىسىن تەشكىلاتى

چەتئەلچە نامى :freemason

كىلىپ چىقىش تارىخى

freemason (فرې مىسىن) تەشكىلاتى يەنى ئەركىن تاشچىلار تەشكىلاتى بۇلۇپ، كىلىپ چىقىش تارىخى بەك ئۇزۇن، نوھ ئەلەيسالام كېمە ياساپ توپان بالاسىدىن ئامان قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى كىيىنكى قىتىملىق توپان بالاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاسمانغا تاقىشىدىغان پىرامىدا سالماقچى بۇلۇپتۇ، بۇ پىرامىدا ياسىلىپ ئۇچى تەرىپى قالغاندا، تەڭرى غەزەپكە كىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ھەرخىل قىلىپ قۇيۇپ (ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەممىسى بىرخىل تىدا سۆزلىشىدىكەن). شۇنىڭ بىلەن بۇ پىرىمىدا يېرىمى قالغاندا ئىش توختاپ قاپتۇ. ئەممە ئادەلار ھەر قاياقلارلارغا تارقىلىپ كىتىپتۇ. كىيىن بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندا، شۇ پىرامىدانى ياساشقا قاتناشقان تاشچىلارنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قۇيۇپتۇ، ئۇلار پەقەت تاشچىلارلا ھەقىقي ئەمگەكچىگە ۋە گىئورمىتىرىيەگە ۋەكىللك قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بەلگىسى پۇتمىگەن پىرامىدا ۋە پىرامىدنىڭ ئۈستىدە بىر تال تەڭرى كۈزى.

بۇ تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەزالار قىسمى 33 دەرىجىگە، ئامېركىدىكى قىسمى 13 دەرىجىگە ئايرىلغان. ھازىرغىچە 5.8 مىليول ئەزاسى بار. ئەنگلىيە دە 550 مىڭ، شوتلاندىيە دە 400 مىڭ، ئىرېلاندىيە دە 47 مىڭ، كانادا دا 250 مىڭ، ئامېرىكىدا 4.1 مىليون، بىر تانىيەنى ئۆزئىچىگە ئالمىغان ياۋروپادا 80 مىڭ، ئاۋسترالىيە 350 مىڭ، لاتىن ئامېرىكىسىدا 50 مىڭ، فىلىپپىن دا 10مىڭ، ھىندى ۋە ياپونىيە دە 25 مىڭ، جۇڭگو ۋە ئىسرائىلىيە دە ئېنىقسىز ! 

بۇ تەشكىلاتنىڭ كونكىرت بىر داھىيسى يوق بۇلۇپ، ئامېرىكىسىدىكى مورگان مالىيە گوروھى تەرپىدىن كونتورول قىلىندۇ، ئەنگلىيە ۋەياۋرۇپادىكىسى روسچېللىي مالىيە گوروھى تەرپىدىن كونتورول قىلىدۇ.روسچىللىي مالىيە گوروھىنىڭ مال-مۈلۈكى 450مىللىيارتتىن فونىستىرلىڭدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ،دۇنيادىكى ھەقىقىي ئەڭ باي جەمەت. ئەنگلىيە خان جەمەتى ياۋروپادىكى freemason تەشكىلاتنىڭ سادىق ئەزالىرى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئەڭ باي سودىگەرلەر، ھەربىي قوماندانلار، پەن-تېخنىكا ئالىملىرى، يازغۇچى-سەنئەتكارلار، رەسساملار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان، مەسىلەن: نيۇتون، گالىلېي دىن تارتىپ ئېينىشتېين غچە، ھەربىي قوماندالاردىن ناپولېئون تارتىپ ھېتلىرغىچە، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرەش قىلغان 13 گېنىرالنىڭ 7 سى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پارلامىتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەڭ يېرىمى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان، ۋاشىنگتون دىن باشلاپ ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زوڭتۇڭلىرىمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا، پەقەت لىنكولىن ۋە كېنىدىلا بۇ ، تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن  ئاقىۋەتتە ، بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەسلاپ ئۆلتۈرۈلدى، يەنە كىلىپ ئادەتتىكى كىشىلەر قولىدا ئۆلدى، ئەمما پەردە ئاقىسىدىكى قول دەل (فىررىمىسسون freemason ) تەشكىلاتى. ئادەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئىكەنلىكىنى ئاشكارە ئېتىراپ قىلمايدۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىدىن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولدۇ. بۈگۈنكى دۈنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم، مۇزىكانىت، سەنئەتچى يازغۇچىلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا. داڭلىق بايلار بۇ تەشكىلاتنىڭ مالىيە مەنبىيى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتى.....قاتارلىق خەلقارالىق ئاپىراتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ كونتىروللىقىدا. ۋولوۋود بولسا ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتتىكى سەھنىسى، ئەمما ۋولوۋوددىكى چولپانلار ۋە لادىي گاگا دەك چولپانلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بۇلۇشقا سالاھىيتى توشمايدۇ.

  دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن تارتىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كىرزىسقىچە بۇ، تەشكىلاتنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن بولغانلىقى ئاشكارلانغان. جۇڭگو دىكى سارس كېسىلى ۋە كىيىن تارقالغان چوشقا زۇكىمى قاتارلىق يۇقۇملىق كېسەللەر ئۇلار مەقسەتلىك تارقاتقان كېسەللەر بۇلۇپ،مەقسىدى جۇڭگو نىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش.بۇلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا نۇپۇسىنى 500 مىليون ئىچىدە كونتىرول قىلماقچى، يەرشارى 10 مىرلىيات نۇپۇسقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.بۇ تەشكىلاتنىڭ تۇنجى يوقىتىش نىشانى جۇڭگو مىللەتلىرى.ئۇلار بىر قېتىملىق غايەت زور يادىرو ئۇرىشى ئارقىلىق دۇنيا نۇپۇسىنى كونتىرول قىلماقچى. ئۇلار ئامىرىكىدىكى مەلۇم بىر جايغا غايەت زور يەرئاستى ئۆي سالغان بۇلۇپ،يادىرو ئۇرۇشى ۋە رىئاكسىيە قالدۇقى يوقالغۇچە شۇ يەردە يۇشۇرنۇپ تۇرۇش، ئاندىن ئۇ يەردىن چىقىپ، نورۋېگىيە نىڭ مۇزلۇق تاغلىرىغا يۇشۇرۇپ قويغان ئۇرۇقلارنى ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ دۇنياسىنى قۇرۇش.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىزنالىرى ئامىرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى، دۇنيا كىشلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى، ئامېرىكا دوللىرى، ئىسرائىلىيە دۆلەت بايرىقى......قاتارلىقلاردا بۇلۇپلا قالماي يەنە بىزنىڭ بىر يۈئەنلىك خەلىق پۇلىدىمۇ بار.....

يالغۇز كۆز تەڭرىنىڭ ئىنسانلار نازارەت قىلىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 17-18-ئەسردىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىدە، فرې مىسىن سېرلىق كۆزنى تەڭرىنىڭ نامايەندىسى ھەم سېمىۋولى دەپ قارىغان. بۇ بەلگە ئامېرىكا دۆلەت گىربى ھەم بىر ئامېرىكا دوللىرى نىڭ ئارقا يۈزىگە چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى قەدىمقى مىسىر. بۇنىڭ سەۋەبى فرې مىسىننى كونترول قىلغۇچىلار  يەھۇدىيلار بولغاچقا، فرې مىسىن ئەزەلدىن ئوتتۇرا شەرقنى ئۆزىنىڭ ئانا ماكانى دەپ قاراپ كەلگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏