چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق بوغۇز بۆكەن (Gazella subgutturosa) تىپىك چۆل كىلىماتى، يېرىم چۆل رايونلاردا ياشايدىغان شەكلى موڭغۇل جەرىنىگە ئوخشاپ قالدىغان ھايۋانات. ئەركەك بۆكەننىڭ كۈيلەش مەزگىلىدە بوغۇز قىسمى يوغىناش، شەكلى ئۆزگىرىش بولغاچقا شۇڭا «ئاق بوغۇز بۆكەن» دەپ ئاتالغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئاق بوغۇز بۆكەن خېلەنشەن شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان غەربىي قىسمى يېرىم چۆللۈك رايونلار ۋە شەرقىي قىسمى ئوردوس ئېگىز تەكشىلىكلىرىگە كەڭ تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق بوغۇز بۆكەن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鹅喉羚

تارقالغان رايونلار :ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمى، موڭغۇلىيە، ئىران...

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاھۇ ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاق بوغۇز بۆكەن

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :بۆكەن كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :موڭغۇلىيە، جەنۇبىي شىنجاڭ، سەيدام، شىمالىي شىنجاڭ

لاتىنچە نامى :Gazella subgutturosa

باشقا نامى :ئۇزۇن قۇيرۇق بۆكەن، بۆكەن

سىرتقى شەكلى 

5پارچەئاق بوغۇز بۆكەنئاق بوغۇز بۆكەننىڭ بوينى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئەركەك ھايۋاننىڭ قالقانسىمان بەز ئىششىقى بار بولۇپ، ئاق بوغۇز بۆكەن دەپ ئاتالغان. تېنىدىكى تۈكلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇق بۇرۇن يۇقىرىقى قالقانسىمان بەز ئىششىقى رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ قوڭۇر، كۆزى تۈز ئاق، بەزىلىرى سەل سارغۇچ قوڭۇر رەڭ بىلەن بويالغان. پېشانە، كۆزلىرىدىن تارتىپ مۈڭگۈزى ۋە گەجگە قىسىملىرى بىردەك قوڭۇر كۈل رەڭ. كۆكرەك قىسمى، قورساق قسىمى ۋە ئاياغلىرنىڭ ئىچ تەرىپى ئاق رەڭلىك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏