چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاي [ay]-شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان.

چۈشەنچە 

ئاي [ay]-شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 29 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن «ئاي» ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان.

ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى

ئاي ناملىرى (مىلادىيە، ھىجىرىيە، شەمشىيە بويىچە ئاي ناملىرى)

1-ئاي ئوچاق

1-ئاي ئوچاق [oçaq] (مىلادىيە: يانۋار)؛ بۇ ئاي يەنە «ئارام ئاي» دەپمۇ ئاتالغان. ئوچاق سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئەجدادلىرىمىز ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەندىن كېيىن، يىللىق تېرىمدىن كېيىنكى قىشلىق ئارام ۋاقتىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر چوڭ ئوچاقلار سېلىپ، ئوت قالاپ، ئوچاقلارنىڭ ئىسسىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن، بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئوچاقلار شەھەرلەردىكى ئوردا سارايلاردا توققۇز ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ساندا چۈيۈندىن ياسىلاتتى، قاغانلار ۋە بەگلەر شۇ ئوچاقلار ئارقىلىق چوڭ چېدىر ياكى ئوردوگاھلارنى ئىسىتىپ مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. شەھەردىن يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئۆي-ئودالارغىچە ئوچاق سېلىناتتى، شۇڭا بۇ ئاي ئوچاق دەپ ئاتىلىپ قالغان؛ بۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ «قارا سوغۇق» مەۋسۈمى كىرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانىنىڭ ئوردوسىغا كىرىدىغان ئېغىزغا ناھايىتى يوغان ئوچاقلار سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئوچاقلار ھەر ۋاقىت ياغ قويۇلۇپ ئوت يالقۇنجاقلاپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئوچاقلارنىڭ ئادەتتە ئىگىز تۆۋرۈك ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئۈستى ئوچۇق ئوچاقلار بولۇپ، مەخسۇس يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھەر بىر شەھەر-قىشلاقلار ئارىلىقىدىكى تۇرالار (قونالغۇلار) نىڭ ئۈستىگىمۇ چوڭ ئوچاقلار قىشتا ئىسىنىش ئۈچۈن ۋە بەلگە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ياز ۋاقىتلىرىدا بۇ خىلدىكى ئوچاقلار پەقەت يورۇتۇش ۋە بەلگە بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن.

2-ئاي ئۇي 

2-ئاي ئۇي (كالا) (مىلادىيە: فېۋرال)؛ ئۇي-بۇ سۆزنىڭ قەدىمكىرەك شەكلى ئۇد بولۇپ، كېيىن «د» تاۋۇشى «ي» غا ئاجىزلاشقان، كالا دېگەن مەنىدە، بۇ سۆزنى يەنە «ھۇت» تەلەپپۇز قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇد، شۇڭا بۇ شەمشىيە كالىندارى بويىچە مىلادىيە 12-ئاينى كۆرسىتىدىغان ھوت ئېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن؛ بۇ ئايدا دېھقانلار يىل بېشىدىكى تېرىم ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشىدۇ، ھەم يەرلەرنى ئۇيلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەھەر، يېزا-قىشلاقلاردا توپ-توپ دېھقانلارنىڭ ئۇيلار بىلەن يەر ھەيدەپ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىشتەك چوڭ مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، بارلىق كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۇتۇنىدۇ. 2-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرىدىن باشلاپ «باش باھار» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.

دىققەت، 2-ئاينىڭ ئۇي دېيىلىشى ئون ئىككى مۆچەلنىڭ 2-يىلىدىنىڭ نامى ئۇي بىلەن ئوخشاش، بۇ كالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆسىتىپ بېرىدۇ، گەرچە بۇ مەسىلە ئارخىلوگىيىلىك قېزىشلاردا ئاللىقاچان ئىسپانلانغان بولسىمۇ. يەنە بىر مەسىلە بۇنداقتا ئۇي ھەم مۆچەل نامىدا ھەم ئاي نامىدا ئوخشاش ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاي نامىدا قەدىمكىرەك شەكلى بولغان «ئۇد» ياكى «ئۇي» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، يىل نامىنى ئاتىغاندا كالا يىلى دەپ ئاتاش بىر قەدەر ئىلمىي بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

3-ئاي ئوغلاق

3-ئاي ئوغلاق (مىلادىيە: مارت)؛ ئوغلاق (قوزا) يۇلتۇزى-ھەمەل يۇلتۇزى، يەنى 3-ئايدىن باشلاپ كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز؛ بۇ ئايدا قوزا يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر ئوغلاقلارنى سويۇپ نەۋرۇز ئېشى تەييارلاپ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەر-قىشلاقلاردا توپ-توپ بايرام قىلىشىدۇ. 3-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنلىرىدىن باشلاپ جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى بىلەن باھار مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.

4-ئاي ئۇمۇت

4-ئاي ئۇمۇت (مىلادىيە: ئاپرېل)؛ ئۇمۇت-قەدىمكى بىر خىل جەڭ قۇرالىنىڭ نامى؛ بۇ ئايدا قاغانلار-بەگلەر ئۆز قوشۇنىنى تولۇقلايدۇ، دېھقانچىلىقتىن يېڭى بوشانغان ياش يېگىتلەر توپ-توپى بىلەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىدۇ، تۆمۈرچىلەر جەڭ قۇراللىرىنى ياسىشىدۇ، يېڭى بىر يىللىق يۇرتنى قوغداش ۋە يىراقلارغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ. 4-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنىدىن باشلاپ «چوكانتان» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.

5-ئاي بارس 

5-ئاي بارس (مىلادىيە: ماي)؛ 5-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنىدىن باشلاپ «باش ياز» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.

ئىزاھات: بۇرچلارنىڭ بىرىنچىنىڭ نامىمۇ ئارسلان بولۇپ، بۇمۇ بارس، يولۋاس دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان؛ ئاي ناملىرىدا يولۋاس دەپ ئاتالغان، بۇ سۆزنىڭ توغرىسى بارس، شۇڭا بۇ ئاينى بارس ئېيى دەپ ئاتاش ئەقىلگە مۇۋاپىق.

6-ئاي باشاق

6-ئاي باشاق (مىلادىيە: ئىيۇن)؛ بۇ ئاي يەنە بۇغدايبېشى ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا ئاشلىق-دانلار، مىۋە-چېۋىلەر، زىرائەتلەر پىشىدۇ، بۇ ئاي ئورما ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.

7-ئاي ئەرەن

7-ئاي ئەرەن (مىلادىيە: ئىيۇل)؛ بۇ ئاينىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقى تۈركىي تىللار دىۋانى دا قەيت قىلىنىدۇ. دىۋاندا، «تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ ئاي مەنزىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايدا ئەرەنلەر توپ-توپى بىلەن ئېتىزلاردا، باغلاردا ئەمگەك قىلىدۇ، شۇ مۇناسىۋەتتىنمۇ بۇ ئايغا «ئەر» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئەرەن» نامى بېرىلگەن. 7-ئاينىڭ 7-ياكى 8-كۈنىدىن باش تومۇز باشلىنىپ 7-ئاينىڭ 23-ياكى 24-كۈنى تومۇز باشلىنىدۇ، ھەمدە 8-ئاينىڭ بېشى ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا 7-ئاي مەزگىلى «تومۇز» ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىزاھات: سەككىزىنچى بۇرچنىڭ كىز ئاتالغىنىدەك، ئونىنچى بۇرچ تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقىمۇ بىزگە تۈركىي تىللار دىۋانىدىن مەلۇم بولدى، ئەرەنتۇر (ئەرەنتېر) سۆزىنىڭ بۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.

8-ئاي چايان

8-ئاي چايان (مىلادىيە: ئاۋغۇست)؛ بۇ ئايدا چايان يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 8-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنىدىن باشلاپ «باش كۈز» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.

9-ئاي ياچاق

9-ئاي ياچاق (مىلادىيە: سېنتەبىر)؛ بۇ ئايدا ياچاق (ياي) يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 9-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنىدىن باشلاپ «ئاق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.

10-ئاي ئوغۇز

10-ئاي ئوغۇز (مىلادىيە: ئۆكتەبىر)؛ بۇ ئاينىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى مەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاغان بوۋىسى ئوغۇز قاغاننىڭ نامىنى يادلاش ئۈچۈن قويۇلغان. ئىككىنچى مەنىسى، بۇ ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئەل بويىچە قىشلىق تەييارلىق باشلىنىدۇ. يىگىتلەر قوشۇندىن ئائىلىسىگە قايتىپ ئەل جامائەت جەم بولۇشىدۇ. ئەرلەر ئۆي سېلىشىدۇ، قىشلىق يەم-بوغۇز تەييارلايدۇ، ماللارنى سويۇپ تەييارلايدۇ. خوتۇن-قىزلار سېيىرلاردىن سۈت (تۇنجى تامغان سۈت ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ) ئېلىشىدۇ، بۇنىڭدىن قۇرۇت ۋە ئېرىمچىكلەرنى تەييارلايدۇ، بارلىق كىشىلەر بۇ ئايدىن باشلاپ قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-، 9-كۈنىدىن باشلاپ «سوغۇق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ. ئومۇمەن ئوغۇز ئېيى مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان، باياشاتلىق بولىدىغان ئايدۇر.

11-ئاي كۆنەك

11-ئاي كۆنەك (مىلادىيە: نويابىر)؛ كۆنەك-① ياغاچ چېلەك (سوغا) ② سۇ قاچىسى؛ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ «باش قىش» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.

ئىزاھات: بەزى ماتېرىياللاردا بۇ ئاينىڭ نامى سوغا دەپ ئېلىنغان، بۇ ئاينىڭ كۆنەك ۋە سوغا دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ قېلىشىدا «چېلەك» نىڭمۇ شۇ دەۋرلەردە بىر قانچە خىل شەكىلدە بولغانلىقىنى، ھەر بىر شەكلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ناملىرى بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

12-ئاي ئارائاي 

12-ئاي ئارائاي  (مىلادىيە: دېكابىر)؛ ئارائاي _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كونا يىل بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاي دېگەن مەنىدە كېلىدۇ؛ بۇ ئاي يەنە «بېلىق» دەپمۇ ئاتالغان؛ 12-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنىدىن باشلاپ «ئاق قار» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏