چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارا بۆكەن يەنە جەنۇبىي ئافرىقا قارا بۆكىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارا بۆكەنلەر ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قارا بۆكەن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :黑马羚

ئىنگلىزچە نامى :Hippotragus niger

تارقالغان رايونلار :جەنۇبى ئاجرىقا

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :جەنۇبىي ئافرىقا بۆكىنى ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قارا بۆكەن

قىسقىچە چۈشۈندۈرۈش

قارا بۆكەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەر ئاز ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدا ياشايدۇ.

قارا بۆكەنلەرنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 2.50 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.40 مېتىر، ئېغىرلىقى 260 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ.

قارا بۆكەنلەرنىڭ چىشىسىنىڭ رەڭگى ئادەتتە بېغىر رەڭ ياكى توق قوڭۇر رەڭ بولىدۇ، مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىرغا يېتىدۇ.

ئەركەك قارا بۆكەنلەرنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ، مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىرغا يېتىدۇ.

قارا بۆكەنلەر ئادەتتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.

قارا بۆكەنلەر جەمەت بويىچە توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋاناتلار تۈرىگە بولۇپ، بىر توپتا 30-10 غىچە قارا بۆكەن بولىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى گۆشخور ھايۋاناتلارنىڭ ھەممىسى قارا بۆكەنلەرنىڭ كۈشەندىسى بولۇپ قالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏