چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سەلىن دەمىرئاتار، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان، تۈركىيە لىك كىنو ئارتىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سەلىن دەمىرئاتار

خەنزۇچە ئاتىلىشى :塞琳.黛米阿塔

دۆلەت تەۋەلىكى :تۈركىيە

مىللىتى :تۈرۈك

يۇرتى :ئىستانبۇل

تۇغۇلغان ۋاقتى :1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

كەسپى :كىنو ئارتىسى

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى

سەلىن دەمىرئاتارسەلىن دەمىرئاتار، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان، تۈركىيەلىك كىنو ئارتىسى. بالىلىقىدىن تارتىپ ۋۇجۇدىدا تولۇپ تاشقان ئاكتىيورلۇق مۇھەببىتى سىڭدۈرگەن ئۇماق قىز سەلىن ئانتالىيە ۋىلايەتلىك تىياتىر ئۆمىكى تەربىيىلەش كۇرژۇكىدا ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشقان ھەم ئۆزىدىكى ئاكتىيورلۇق تالانتىنى نامايان قىلىپ ھەرخىل گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئورۇن ئالغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ئاكتىيورلۇق ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان ھەمدە ئېلان،تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو فىلىملىرىدە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى پېرسوناژلار ئوبرازلىرىنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏