چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قوي تۆگە ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرتى، تۆگە ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 55-65 كىلوگرام، باش گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200-2250 مىللىمېتىر. تاشقى كۆرۈنۈشى قويغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ. ھەر بىر توپىدا 10 نەچچىسى ياكى ئونى بولىدۇ، بىر قاۋۇل ئەركەك تۆگە باشچىلىق قىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قوي تۆگە

خەنزۇچە ئاتىلىشى :羊驼

ئىنگلىزچە نامى :alpaca

تارقالغان رايونلار :جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

ئائىلىسى :تۆگە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كىچىك قوي تۆگە ئۇرۇقدىشى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

ئەتىرتى :ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرتى

كەنجى ئەترىتى :گىدرازىن پۇتلۇقلار كەنجى ئەترىتى

خەنزۇچە باشقا نامى :草泥马

لاتىنچە نامى :Vicugna pacos، Vicugna pacos L.

نام قويغۇچى :Linnaeus

نامى بېرىلگەن ۋاقتى :1758-يىلى

تونۇشتۇرۇلۇشى

2پارچەقوي تۆگەقوي تۆگە ئاچا تۇياقلىقلار ئەتىرتى، تۆگە ئائىلىسىدىكى ھايۋان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 55-65 كىلوگرام، باش گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200-2250 مىللىمېتىر. تاشقى كۆرۈنۈشى قويغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ. ھەر بىر توپىدا 10 نەچچىسى ياكى ئونى بولىدۇ، بىر قاۋۇل ئەركەك تۆگە باشچىلىق قىلىدۇ. ئېگىز تاغدىكى تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. كۈيلەش مەزگىلىدە جورا تالىشىشى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، ھەر بىر توپتا پەقەت بىرلا ئەركەك تۆگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. چىشى تۆگىنىڭ بوغازلىق مەزگىلى  11.5 ئاي بولىدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە كۆپىيىدۇ.

قوي تۆگە مۇلايىم، چېچەن، ياۋا تىپىدىن باشقا يەنە خېلى كۆپ ساندىكى كۆنگەن خىلى بار، ئىندىيانلار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە يۈك توشۇش قورالى قىلىنغان، قوتاندا بېقىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇھىم ھايۋانلار بىرى. قوي تۆگىنىڭ يۇڭى قوي يۇڭىدىن ئۇزۇن، پارقىراق ھەم ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك يۇڭ توقۇلمىلارنى توقۇشقا بولىدۇ. دۇنيادا ھازىر تەخمىنەن 3 مىليون دانە ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن %90 تىن كۆپرەكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرو ۋە چىلى ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ، باشقىلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شىتاتى ۋە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش شتاتىغا تارقالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏