چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاسۇل كۆلى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، يەنە ياۋا ئۆردەك كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كاسۇل كۆلى

خەنزۇچە نامى :可可苏里湖

كۆلىمى :1.8 كۋادىرات كىلومېتىر

ئادېرىسى :شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى

ئوتتۇرچە چوڭقۇرلۇقى :2 مېتىر

باشقا نامى :ياۋا ئۆردەك كۆلى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

7پارچەكاسۇل كۆلىكاسۇل كۆلى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، يەنە ياۋا ئۆردەك كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

كاسۇل كۆلى يەر تەۋرەشنىڭ ئۈزۈلمىلىك ئولتۇرۇشىشىدىن شەكىللەنگەن كۆل، كۆل يۈزى كۆلىمى تەخمىنەن 1.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىر، كۆل ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك لەيلىمە ئارال بار، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى مول. ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، سۇ ئىچىدىكى قومۇشنىڭ بىۋاسىتە ئۇزۇن يىلتىزى يوق، شامالغا ئەگىشىپ ئۈزىدۇ، كۆل مەنزىرىسى قومۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ياۋا ئۆردەك، يېكەن توخۇسى قاتارلىقلار بۇ يەردە توپلىشىپ ياشايدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ياۋا ئۆردەك لەر جۈپ-جۈپ بولۇپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، باشتىن ئاخىرى جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ، ئاستا-ئاستا ئايرىلىدۇ. يىراقتىكى تاغدىكى ئېگىز يالىڭاچ پۈرۈلمە جىلغا خىرە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، كۆل بويىدىكى كەڭ ھەم تەكشى كەتكەن ئوتلاقلار ئۈستىدە كالا-قويلار توپ-توپ بۇلۇشۇپ ياشايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏