چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قوش كۆل قاناس كۆلى نىڭ غەربىگە جايلاشقان، قاناس كەنتىنىڭ جەنۇبى بىلەن بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆل يۈزى تەخمىنەن 1.4 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېللىپىس شەكلىدە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قوش كۆل

خەنزۇچە نامى :双湖

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

5پارچەقوش كۆلقاناس كۆلى نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە كۆل گىرەلىشىپ تۇرىدۇ. قوش كۆل قاناس كۆلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، قاناس كەنتىنىڭ جەنۇبى بىلەن بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆل يۈزى تەخمىنەن 1.4 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېللىپىس شەكلىدە، ئىككى تار كىچىك كۆلنىڭ گىرەلىشىشى ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، خۇددى بىر جۈپ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىلغا ئوخشايدۇ، بۇ كۆل يەنە «ئاچا-سىڭىل كۆل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدا قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، مارال، ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار گاھىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، كۆلدە تەڭدىن تولىسى كىچىك قىزىل بېلىق. كۆل سۈيى پارقىراق ھەم سۈزۈك. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ چوققىلىرى تۇتىشىپ كەتكەن، بۈك-باراقسان ئىپتىدائىي شەمشاد بار، بۇ كۆل ئىنتايىن ياخشى بولغان ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئورنى ھېساپلىنىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏