چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مۇسىداۋ قارلىق تېغى شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي تېغىدا بولۇپ، جېمىنەي ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يولى تۇتىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مۇسىداۋ قارلىق تېغى

خەنزۇچە نامى :木斯岛雪山

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

4پارچەمۇسىداۋ قارلىق تېغىمۇسىداۋ قارلىق تېغى شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي تېغىدا بولۇپ، جېمىنەي ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يولى تۇتىشىدۇ. مۇسىداۋ قارلىق تېغى شۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىر خىل ئاتىشى بولۇپ، ناھىيە مەركىزىدىن يىراققا قارايدىغان بولسا، يىراقتىكى تاغ چوققىسىنى ئاپئاق قار قاپلىغان، شۇڭا قارلىق تاغ دەپ ئاتالغان، قازاقچە «مۇسىداۋ» دېگەن سۆز «مۇز تاغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ساۋۇر تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىر، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3835 مېتىر، تاغ چوققىسىدىكى يىل بويى مۇزلۇق بىلەن قاپلانغان مۇزلۇق كۆلىمى 130 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يىراقتىن كۆرۈنگەن قارلىق تاغ، ئەمەلىيەتتە مۇزلۇق ئۈستىدىكى دۆۋىلەنگەن قاردەك كۆرىنىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏