چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يېسىۋېلەك (ئىلمىي نامى: Brassica rapa pekinensis، باشقا ئاتىلىشى Brassica campestris pekinensis ياكى Brassica pekinensis) بىر خىل ئەسلىي ماكانى جۇڭگو بولغان كۆكتات بۇلۇپ، يەنە كۈزلۈك يېسىۋېلەك، كۈزلۈك كاللەكبەسەي، قاتكۆك، سېرىق ئاق بىخ، يېلىم ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.كۈزلۈك يېسىۋىلەكنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىغا باي، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم دورىلىق قىممىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يېسىۋېلەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :白菜

ئىنگلىزچە نامى :cabbage

تارقالغان رايونلار :جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارقالغان

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كەپە تۈركۈمى

ئائىلىسى :كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :كۆك يازلىق يېسىۋىلەك

كەنجى تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :دىللېنىيە كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈرى :يېسىۋېلەك

رەڭگى :يېشىل، ئاق رەڭلىك

شەكلى :ئېللىپسسىمان

ئۆزگەرگەن تۈرى :Brassica rapa var. glabra

لاتىنچە نامى :Brassica pekinensis Rupr. ياكى Brassica rapa var. glabra

باشقا نامى :كۈزلۈك يېسىۋېلەك، كۈزلۈك كاللەكبەسەي، قاتكۆك، سېرىق ئاق بىخ، يېلىم ئوتى

سىرتقى شەكىلى

14پارچەيېسىۋېلەكيېسىۋېلەك ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 40 ~ 60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، يېسىۋېلەك پۈتۈن تۈپ بويىچە تۈكى بولمايدۇ، بەزىدە يوپۇرماقلار ئاستىدا ئوتتۇرا تومۇرى بار، ئاز ساندىكى تىكەن تۈكچىلىرى بولىدۇ. ئاساسىي يوپۇرمىقى كۆپ، چوڭ بولۇپ، كەڭلىكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، تۇخۇمسىمان كەلگەنلىرىمۇ بار، ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 60 سانتىمېتىر، كەڭلىكى يېرىمىغا يەتمەيدۇ، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق دىقماق، گىرۋەكلىك، دولقۇنسىمان، گىرۋەكلىرى بەزىدە روشەن ئەمەس،  ئوتتۇرا تومۇرى ئاق، ناھايىتى كەڭ؛ يوپۇرماق ساپىقى ئاق بولۇپ، تەكشى، ئۇزۇنلىقى 5-9 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2-8 سانتىمېتىر، گىرۋەكلىرى كەمتۈك، كەڭ نېپىز قانىتى بولىدۇ؛ ئۈستى قىسمىدىكى غول يوپۇرمىقى سوقىچاق تۇخۇمسىمان، سوقىچاق تېمىنە ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2.5 - 7 سانتىمېتىر، ئۇچى دىقماق-قىسقا ئۇچلۇق، پۈتۈن گىرۋەكلىك ياكى كەسكۈر چىشلىقلار ساپىقى بار. گۈلى ئوچۇق سېرىق، دىئامېتىرى 1.2 - 1.5 سانتىمېتىر؛ گۈل ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4-6 سانتىمېتىر؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى سوقىچاق ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇزۇن 4-5 سانتىمېتىر، تىك تۇرىدۇ، سۇس يېشىل سېرىق رەڭلىك كېلىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7-8 سانتىمېتىر، تۈۋى تەدرىجىي تار. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 3-6 سانتىمېتىر، كەڭلىگى تەخمىنەن 3 مىللىمىتىر، ئىككى يېنى ياپىلاق، تىك تۇرىدۇ، تۇمشۇقى ئۇزۇن بۇلۇپ 4-10 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر، تۆپە تەرىپى يۇمۇلاق، مېۋە ساپىقى ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ، بىر قەدەر توم. چېچەكلەش مەزگىلى 5-ئاي، مىۋىلەش مەزگىلى 6-ئايدا.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏