چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىڭ يىللىق كونا دەرەخ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى ساپارباي يېزىسى دىكى دەنگەن تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ شەرق تەرەپىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مىڭ يىللىق كونا دەرەخ

خەنزۇچە نامى :千年古树

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

رايون تەۋەلىكى :قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى ساپارباي يېزىسى

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىنيىنچە يېزىلىشى :qiān nián gǔ shù

تونۇشتۇرۇلۇشى

مىڭ يىللىق كونا دەرەخ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى ساپارباي يېزىسى دىكى دەنگەن تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ شەرق تەرەپىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

بۇ دەرەخ تاغ تېرىكى بولۇپ، ئېگىز قىيادا ئۆسكەن، بۈك-باراقسان بولۇپ، دەرەخ باراخسىنى خۇددى بۇلۇتقا ئوخشايدۇ. دەرەخ تۈۋىدە، بۇلاق سۈيىنىڭ شىرىلدىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇلاق سۈيى كۆرۈنمەيدۇ، بۇلاق سۈيى بۇ دەرەخ بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر بولغان يىراقلىقتىن ئېقىپ چىقىدۇ، يەرلىك كىشىلەر بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى «مۇقەددەس سۇ» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇ «مۇقەددەس سۇ» ئىچكەندە، كېسەلنى ساقايتقىلى، ئاپەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ، شۇڭا «مۇقەددەس سۇ» ئالغىلى بارىدىغانلارنىڭ ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دەرەخ ئاستىدىكى بۇلاق يېنىدا، قىرغىز لارنىڭ مىللىي قەھرىمانى ماناسنىڭ قول ئاستىدىكى مۇزىلبولوچاغ گېنېرال قەبرىسى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏