چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى قۇلۇلە قېپى تېغىنىڭ يەنە بىر نامى بۈركۈت تۇمشۇق تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى قۇلۇلە قېپى تېغى

خەنزۇچە نامى :古海遗址贝壳山

باشقا نامى :بۈركۈت تۇمشۇق تاغ

رايون تەۋەلىكى :قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى

دۆلىتى :جۇڭگو

پىنيىنچە يېزىلىشى :gǔ hǎi yí zhǐ bèi ké shān

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

خەنزۇچە باشقا نامى :鹰嘴山

تونۇشتۇرۇلۇشى

قەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى قۇلۇلە قېپى تېغىنىڭ يەنە بىر نامى بۈركۈت تۇمشۇق تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، تاغ ئېتىكىدىن يۇقىرىغا ياماشقاندا ھەممىلا يەردە يالىڭاچ چوڭ-كىچىك قورام تاش ئۈستىگە پېتىپ كەتكەن لىق قۇلۇلە قېپىنى كۆرگىلى بولىدۇ، قۇلۇلە قېپى ئىزناسىنىڭ يوللىرى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چوڭلىقى يارماقچىلىك، كىچىكلىرى باشمالتاقچىلىك تۈمەنلىگەن قۇلۇلە قېپى بار، ھەممىلا يەردە، خىلمۇخىل شەكىلدە، تەركىبىدە شور بولغان لاي بىلەن قېتىشپ كەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە: پامىر ئېگىزلىكى ئەسلى دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تەدىرىجى ھالدا قۇرۇقلۇققا ئاندىن ئېگىزلىككە ئايلانغان، يالىڭاچ تاشقا ئايلانغان قۇلۇلە قېپى ئىسپات بولالايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏