چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى

خەنزۇچە نامى :3G移动通信技术

ئىنگلىزچە نامى :rd-generation3

تونۇشتۇرۇلۇشى

3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

3G بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (rd-generation3) دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى (يەنى: سۈرەت قاتارلىق) يوللىيالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىمسىز خەۋەرلىشىش بىلەن خەلقئارا ئالاقە تورى قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت.

3G تېخنىكىسى بىلەن 2G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدە بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش تېزلىكى سېكۇنتىغا MB3.6، يوللاش تېزلىكى سېكۇنتىغا kb384 كە يېتىدۇ، ئۇ پۈتۈن يەرشارى تەۋەسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سىمسىز كەزمە مۇلازىمىتى، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، تېلېفون يىغىنى ئېچىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سىمسىز ئالاقە ئۆلچىمىدىن ئۈچى بولۇپ، بۇلار: جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ CDMA2000 تورى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ TD-SCDMA تورى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ WCDMA تورىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە CDMA2000 بولسا، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى CDMA تورى بولۇپ، جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ، CDMA2000 غا ئۆستۈرگەن. TD-SCDMA تورى بولسا، دۇنيادىكى تۆت يۈرۈش 3G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئارىسىدا، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولغان خەلقئارا ئۆلچەمدىن ئىبارەت.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏