چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قوزغىتىش پىروگراممىسى — باشقا پىروگرامما بىلەن قاتتىق دېتالنى ماسلاشتۇرىدىغان پىروگرامما بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاتتىق دېتالنىڭ ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەم سىستېما بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قوزغىتىش پىروگراممىسى

خەنزۇچە نامى :启动程序

ئىنگلىزچە نامى :set-up procedure

تونۇشتۇرۇلۇشى

قوزغىتىش پىروگراممىسى — باشقا پىروگرامما بىلەن قاتتىق دېتالنى ماسلاشتۇرىدىغان پىروگرامما بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاتتىق دېتالنىڭ ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەم سىستېما بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، مۇزىكا قويغاندا قويۇش يۇمشاق دېتالى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىغا يوللايدۇ، قوزغىتىش پىروگراممىسى بۇيرۇقنى ئاۋاز كارتىسىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كىيىن ئاۋاز كارتىسىدا ماس سىگنال پەيدا بولۇپ مۇزىكا چىقىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرى مەشغۇلات سىستېمىسىغا توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ. بىراق، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىر قىسىم قاتتىق دېتاللار يەنىلا قوزغىلالمايدۇ. چۈنكى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ھامان قاتتىق دېتال تەرەققىياتىدىن كىيىن تۇرىدۇ.

قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا كومپيۇتېرنىڭ بارلىق قاتتىق دېتاللىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەتتە CPU، قاتتىق دىسكا، ئېكران قاتارلىقلارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسى مەشغۇلات سىستېمىسى تەرىپىدىن ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ.

ئادەتتە قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا قاتتىق دېتاللار ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە ياخشى ماسلىشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏