چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بلوگ (Blog) سۆزى ئىنگلىزچە «تور كۈندىلىك خاتىرىسى» مەنسىدىكى Weblog سۆزىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى. بلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بلوگ

خەنزۇچە نامى :网络日志

چەتئەلچە نامى :BLOG

باشقا نامى :تور كۈندىلىك خاتىرىسى

چۈشەنچە 

3پارچەبلوگبلوگ (Blog) سۆزى ئىنگلىزچە «تور كۈندىلىك خاتىرىسى» مەنسىدىكى Weblog سۆزىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى. بلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. (بلوگ يازىدىغانلار Bloger دېيىلىدۇ). Weblog دېگەن بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجاد قىلغان. ئەگەر ئىنتېرنېت تورىنى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلگەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز Blog ئارقىلىق ئىنتېرنېت دەرياسىدا ئۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ Blog ىغا كىرگۈزۈۋېلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋى جەريانلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ، ئېلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. شەخسىي نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە خاتىرە يېزىپ، خاتىرىلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرالايسىز...

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏