چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سوگو خەت كىرگۈزگۈچىسى نۆۋەتتە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان، خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى باشقا كىرگۈزگۈچلەرگە قارىغاندا ئوڭاي، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم ھەرخىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سوگو خەت كىرگۈزگۈچىسى

خەنزۇچە نامى :搜狗输入法

چۈشەنچە 

سوگو خەت كىرگۈزگۈچىسىسوگو خەت كىرگۈزگۈچىسى نۆۋەتتە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان، خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى باشقا كىرگۈزگۈچلەرگە قارىغاندا ئوڭاي، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم ھەرخىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. سوگو خەت كىرگۈزگۈچنىڭ باشقا كىرگۈزگۈچلەرگە قارىغاندا مۇنۇ ئالاھىدىلىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن:

سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم، ھەرخىل

ئىشلەتكۈچىلەر سىرتقى كۆرۈنۈشىنى خالىغانچە بېكىتەلەيدۇ. خەت باسقاندا چىقىدىغان خەت چوڭلۇقى، خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيدۇ.

خەت ئامبىرىنى زاپاسلاش ئىقتىدارى

5پارچەسوگو خەت كىرگۈزگۈچىسىسوگو خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان خەنزۇچە خەتلەر ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سوگو خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خەنزۇچە خەت ئۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا زور بولغان خەت ئامبىرى شەكىللىنىدۇ. سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندا ئەسلىدىكى خەت ئامبىرىنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز خەت ئامبىرىنى باشقا دىسكىغا زاپاسلىيالايمىز. سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن زاپاسلانغان خەت ئامبىرىنى كىرگۈزەلەيمىز. بۇنىڭ بىلەن سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇنقىدەك سۆز بىرىكمىسىنىڭ باش ھەرپىنى باسساقلا كىرگۈزمەكچى بولغان خەت چىقىپ، خەت تاللاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئەقلى ئىقتىدارلىق كىرگۈزۈش

پىنيىنى خاتا كىرگۈزۈلگەندە ئاپتوماتىك ھالدا تونۇش، ماسلاشمايدىغان سۆز كىرگۈزۈلگەندە يېڭىدىن سۆز تۈزۈش، بەت ئۆرىگەندە سۆزنىڭ دەسلەپ يېزىلغىنىنى تاللاپ كۆرسىتىش، شېڭمۇ، قوشما يۈنمۇلارنى تاق ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىزنىڭ تېخىمۇ تېز، توغرا خەت ئۇرۇشىمىزنى بەلگىلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ.

نەشرىنىڭ يېڭىلىنىشى تېز

سوگو خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى 2006-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 10دىن ئارتۇق نەشرى تارقىتىلدى، ھەربىر قېتىملىق نەشرىدە ئالدىنقى قېتىمقى نەشرىلىرىدىكى نۇقسانلار تۈزىتىلىپ، يېڭى ئىقتىدارلار، خەت ئامبىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز سۇنۇلدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏