چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۋانت كومپيۇتېر ___ كۋانت مېخانىكىسى پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن كۋانتلاشقان ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە كۋانت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە ساقلايدىغان كومپيۇتېر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كۋانت كومپيۇتېر

خەنزۇچە نامى :量子计算机

چەتئەلچە نامى :quantum computer

قانۇنىيىتى :كۋانت مېخانىكىسى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان

ئوتتۇرىغا قويغۇچى :理查德·费曼

تەتقىق قىلىش تارىخى 

3پارچەكۋانت كومپيۇتېر20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى فىزىكا ئالىملىرى ۋە كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدىغان كۋانت مېخانىكىسى بىلەن ئۇچۇر ئىلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ زامانىمىزدىكى قىزىق تېما كۋانت–ئۇچۇر تېخنىكىسىنى بەرپا قىلدى. كۋانت كومپيۇتېر بولسا كۋانت–ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

كۋانت مېخانىكىسى ⅩⅩ-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى فىزىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان مىكرو زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان نەزەرىيە. كۋانت نەزەرىيەسى بويىچە مىكرو زەررىچىلەر ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىكدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق زەررىچىلىك خۇسۇسىيىتى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە چاستوتىسى ئارقىلىق دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. مىكرو زەررىچىلەر بەزى ئەھۋالدا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت ئىپادىلىسە بەزى ئەھۋالدا دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ.

ھازىرقى كومپيۇتېرلاردا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ توپلاشتۇرۇلغان توك يول تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ ئېلېكتىرونلار ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئامىل. كۋانت نەزەرىيەسى بويىچە ئېلېكتىرونمۇ زەررىچە ۋە دولقۇنلۇقدىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئېلېكتىرون ھەرىكەتلىنىدىغان بوشلۇق نىسبەتەن چوڭ بولغاندا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ، ھەرىكەتلىنىدىغان بوشلۇق نىسبەتەن كىچىك بولغاندا دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلترا چوڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يوللىرىدىكى بوشلۇق نىسبەتەن كىچىك بولغاندا ئېلېكتىرونلار روشەن دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۋانت مېخانىكىسى نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسى ئاساسىدا كۋانت

كومپيۇتېر مەيدانغا كەلدى.

كۋانت كومپيۇتېر بولسا ئېلېكتىرونلۇق كومپيۇتېرنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى، ماھىيەتلىك پەرقى بولسا-كۋانت كومپيۇتېردا كۋانتلاشقان قەۋەتلىنىش ۋە كۋانتلاشقان باغلىنىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ھازىرغىچە دۇنيادا ھەقىقىي مەنىدىكى كۋانت كومپيۇتېر مەيدانغا كەلمىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبەخانىلىرى زور قىزغىنلىق بىلەن بۇ توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە، ئۇلار كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە كۋانت توپلاشتۇرۇلغان زەنجىر ئاساسىدىكى كۋانت ھېسابلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ماشىنا ئادەم سۈنئىي ئەقىل، ئىنچىكە كوئوردىناتلارنى ھېسابلاش، مۇرەككەپ سىترېئولۇق جىسىملارنىڭ ھەجىمىنى ھېسابلاش ... قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانماقچى. 

كۋانت كومپيۇتېر نەزەرىيە ھالىتىدىن ياسىلىش ھالىتىگە ئۆتۈپ تېز تەرەققىي قىلدى ھەم مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. فىزىكىلىق مودېلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۋانت لوگىكىلىق توك يولى ياسالدى. ئەمما توپلاشتۇرۇلۇش باسقۇچىدا. كۋانتلاشقان كودلاش، كۋانت تور تېخنىكىسى ... قاتارلىقلاردا مۇئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏