چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىئو كومپيۇتېر __ بىئو قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل (DNA مولېكۇلاسى، ئېنزىم) دىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك ئۆزەكتىن ياسالغان، ئۆزەكتىكى DNA مولېكۇلىسىدا يۈز بېرىدىغان بىئو خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئاساسىدا ماتېماتىكلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان كومپيۇتېر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بىئو كومپيۇتېر

خەنزۇچە نامى :生物计算机

چەتئەلچە نامى :biological computer

باشقا نامى :بىئونىك كومپيۇتېر، بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېر

قۇرۇغان ۋاقتى :1986-يىلى

چۈشەندۈرۈلىشى 

5پارچەبىئو كومپيۇتېربىئو كومپيۇتېر __ بىئو قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل (DNA مولېكۇلاسى، ئېنزىم) دىن تەركىب تاپقان بىئولوگىيەلىك ئۆزەكتىن ياسالغان، ئۆزەكتىكى DNA مولېكۇلىسىدا يۈز بېرىدىغان بىئو خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئاساسىدا ماتېماتىكلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدىغان كومپيۇتېر.

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بىئولوگلار DNA مولېكۇلاسى ئوخشىمىغان ھالەتتە تۇرغاندا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا DNA مولېكۇلاسى ماھىيەتتە مۇكەممەل بىر ماتېماتىكلىق فورمۇلا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى ئاسان.DNA  مولېكۇلىسىدا ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىئو-خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بەرگەندە بىرخىل گېن شىفىرى يەنە بىرخىل گېن شىفىرىگە ئايلىنىدۇ. رېئاكسىيەدىن بۇرۇنقى گېن شىفىرى كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات بولسا، رېئاكسىيەدىن كېيىنكى گېن شىفىرى بىر تەرەپ قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بولىدۇ. بۇ خىلدىكى بىئوخىمىيەلىك رېئاكسىيەنى DNA مولېكۇلاسى ئەتراپىدىكى فىزىكا، خىمىيەلىك ۋاسىتىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئېنزىم ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە ماتېماتىكا ئالىملىرى، بىئولوگلار، خىمىكلار ۋە كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى ھەمكارلىشىپ بىئو كومپيۇتېر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېرلارغا بىئو تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاقسىل مولېكۇلاسى توپلاشتۇرۇپ ياسىغان بىئولوگىيەلىك ئۆزەك ئىشلىتىلىدۇ، بىئولوگىيەلىك ئۆزەك ئېلېكتىرون دېتاللىرىدىن كۆپ كىچىك، بىئولوگىيەلىك ئۆزەكنى تۈزگۈچى ئاقسىل مولېكۇلىلىرى سىتروئولۇق تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغاچقا تەكشىلىكتىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولىغا قارىغاندا 105 زىچ ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر تىرىليون دانە بىئو كومپيۇتېرنى بىر دانە پىروبىركىغا قاچىلاشقا بولىدۇ. ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلار بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى بىر لىتىر ھەجىمدىكى بىئو كومپيۇتېر بىر نەچچە كۈندە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا، بىئولوگىيەلىك كومپيۇتېرنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن كىچىك، ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏