چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇنيا يەرشارى كۈنى ئاتىسى دەننىس خەيس، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل كۇلۇمبىيە دېڭىز بوغۇزىدا تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دەننىس خەيس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :丹尼斯·海斯

باشقا نامى :يەر شارى كۈنى ئاتىسى 地球日之父

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ كولۇمبىيە دەرياسى جىلغىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1944-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى

چەەتئەلچە نامى :Dennis Hayes

نەتىجىسى :فېدېراتسىيە ياۋايى ھايۋانلار جەمئىيتى

شەخسلەر ئانكىتى

3پارچەدەننىس خەيسدۇنيا يەرشارى كۈنى ئاتىسى دەننىس خەيس، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل كۇلۇمبىيە دېڭىز بوغۇزىدا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا تەبىئەتنى سۆيۈشتەك خاسلىقنى يېتىلدۈرگەن. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدا ئوقۇغان كەسپىي قانۇن بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل ھالدا مۇھىت مەسىللىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن قول ئۈزمىگەن. بىرىنجى قېتىملىق «دۇنيا يەرشارى كۈنى» پائالىيتىدىن كېيىن، «يەر شارى كۈنى ئاتىسى» دەپ نام بېرىلگەن خەيس ئىلگىرى كېيىن سىمىسنىېن تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىلىنو شىتاتى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئېنىرگىيە مەسلىسى جەھەتلەردىكى ھۆكۈمەت چارىلىرىنى تەتقىق قىلغان. كېيىن يەنە ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئېنىرگىيە بۆلۈم باشلىقى شىلەيشىنگېنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ئېنىرگىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن قۇرۇلغان قۇياش ئېنىرگىيسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. خەيس ئىزچىل مۇھىت ئاسراش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، 1955-يىلى ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا يەرشارى كۈنىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى پائالىيتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. ئۇنىڭ تەشەببۇسى ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏