چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇلۇغچات ناھىيەسى نىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە مۇنارى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 27 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېلان قىلغان، خاتىرە مۇنارى شۇلارنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى

خەنزۇچە نامى :地震纪念馆

تەۋە رايۇن :قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى

ئابىدە قىلىنغان ۋاقتى :1988 يىلى 10-ئاي

ئىگىزلىكى :11.8 مېتىر

شەكلى :ئۈچ بۇلۇڭلۇق داڭقان

جۇغراپىيەلىك ئورنى

2000-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 27 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش خاتىرە مۇنارى شۇلارنىڭ بىرى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان، ئىتتىپاق يولى، نۇرلۇق يولى ۋە بەخت يولى كېسىشكەن جايدىكى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك گۈللۈكنىڭ مەركىزى.

قاتناش شارائىتى قۇلايلىق، 309-ئۆلكە يولىدىن ئۆتكەندە ناھىيە بازىرىغا 95 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھىرى گە، 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتۇش شەھىرى گە بىۋاسىتە يېتىپ بارغان بولىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيى ئۇلۇغچات ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغچات كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، ئەسلىدە مىنگو 9-يىلى (1920-يىلى) قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى دە ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي تەسىس قىلىنغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏