چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگودىكى تونۇلغان كىنو ئارتىسى، ناخشىچى ياڭ زى (ئەسلى ئىسمى: ياڭ نىئاۋ) 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونىدا تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ياڭ زى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :杨紫

باشقا نامى :ياڭ نىئاۋ، ئاۋئاۋ

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :بېيجىڭ فاڭشەن رايونى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1992-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :167cm

قان تىپى :A تىپ

كەسپى :كىنو ئارتىسى، ناخشىچى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى

ۋەكىللىك ئەسىرى :ئۆيدە بالىلار بار

ئىنگلىزچە نامى :Yang Zi

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى

جۇڭگودىكى تونۇلغان كىنو ئارتىسى، ناخشىچى ياڭ زى (ئەسلى ئىسمى ياڭ نىئاۋ) 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونىدا تۇغۇلغان. 2010-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

2002-يىلى تارىخىي تېلېۋىزىيە فىلىمى «شىياۋجۇاڭ مەخپىي تارىخى» (孝庄秘史) دا دەسلەپكى قەدەمدە كۆزگە كۆرۈنگەن. 2004-يىلى «ئۆيدە بالىلار بار» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا چوڭ قىزى شىيا شۆنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا كۆزگە كۆرۈنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏