قىزىلچا(كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى ) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىزىلچا (Beta vulgaris)، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئەسلى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويدىن چىقىدۇ.قىزىلچا قەنت قىزىلچىسى، كۆكتات قىزىلچىسى، يىلتىز ئستېمال قىلىنىدىغان قىزىلچا، يەم-خەشەك قىزىلچىسى دەپ ئايرىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قىزىلچا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :甜菜

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :چىنىگۈل تۈركۈمى

ئائىلىسى :لويلا ئائىلىسى (Chenopodiaceae)

ئۇرۇقداشلىرى :قىزىلچا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قىزىلچا

لاتىنچە نامى :Beta vulgaris

باشقا نامى :菾菜、红菜头

سىرتقى شەكىلى

7پارچەقىزىلچاقىزىلچا ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىز تارتىپ كونۇسسىمان ئۇرچۇق شەكلىدە بولۇپ، شىرنىلىك. غولى تىك، بىر قانچە تارماق شاخلىرى بار؛ ئاساسىي يوپۇرمىقى سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى 20-30 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 10-15 سانتېمىتىر، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، ئۈستىدىكى قورۇلۇپ قالغان، سەل پاقىراق، ئاستىدا توم يوپۇرماق تومۇرلىرى پولتىيىپ چىققان، تۇلۇق گىرۋەكلىك ياكى سەل دولقۇنسىمان ھالەتتە، ئالدى ئۇچى دىقماق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، كەسمە شەكىللىك ياكى سەل-پەل يۈرەك شەكلىدە بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى توم، تۆۋەندىكى دۆڭ ئۈستى تەكشى ياكى ئوقۇر. غول يوپۇرمىقى كىچىكرەك بۇلۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى يىڭنىسىمان سوقىچاق، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، قىسقا سېپى بولىدۇ. 2 - 3 تال مېۋە بەرگەندە بىر-بىرىگە تۇتاش ئۆسىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى ئۇزۇنچاق ياكى تار سوقىچاق؛ مېۋىسى قوش كۆپۈنگۈ ئەينەك شەكىللىك، دىئامېتىرى 2-3 سانتېمىتىر، رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل، پارقىراق؛ بىخى ھالقىسىمان، بوز رەڭلىك؛ 5-6-ئايلاردا چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىش مەزگىلى 7-ئاي.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏