چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوللىۋودتىكى گۈزەل ئارتىس ئايىشە تاكىيا 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ھىندىستان بومباي دا تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئايىشە تاكىيا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿耶莎·塔姬娅

باشقا نامى :Ayesha Takia

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

يۇرتى :بومباي

تۇغۇلغان ۋاقتى :1986-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى

كەسپى :ئارتىس

ۋەكىللىك ئەسىرى :تۇتۇش بۇيرۇقى

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى

بوللىۋودتىكى گۈزەل ئارتىس ئايىشە تاكىيا 1986-يىلى ھىندىستان بومبايدا تۇغۇلغان. دادىسى گۇجىرەت، ئانىسى بولسا يېرىم ئەنگلىيە قانداشلىقى بولغان ئارلاش قانلىق، كىچىكىدىن باشلاپ ئۆيدە ھەممىسى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكەن، تاكى ئۇ ئارتىسلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان كېيىن، ئاندىن ئاستا-ئاستا ھىندى تىلى ۋە تېلۇگۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.

2004-يىلى سەنئەت ساھەسىگە كىرگەن. ئۇ كىنو مەستانىلىرىغا 2009-يىلى سالمانخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «تۇتۇش بۇيرۇقى» بىلەن تونۇلغان. 2009-يىلى ئۇ سىياسىيون ۋە زەردار فەرخان ئەزمى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن كىنوچىلىقتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏