چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
بۆلجۈرگەن ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يەر بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، بۆلجۈرگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
3پارچەبۆلجۈرگەنبۆلجۈرگەن ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يەر بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، بۆلجۈرگەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق بولىدۇ، ئارقا تەرىپى ئاقۇش، ئوڭ يۈزى توق يېشىل رەڭدە، پۈرۈلمىلىرى بولىدۇ؛ گۈل تاجى ياپراقچىلىرى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى ساغۇچ ئاق بولىدۇ. گۈل تېگى چوڭىيىپ، شارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ، ئۈستىدە ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشاش كىچىك ئوقۇرچىلىرى بولىدۇ، ھەربىر ئوقۇرچىلىرىدا بىردىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ئۇرۇق مېۋىسى بولىدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى