چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالۋاستى شەھىرى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قارا دۆۋە يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، قومۇل شەھىرى بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قومۇل ئالۋاستى شەھىرى

خەنزۇچە نامى :哈密魔鬼城

تەۋەلىكى :قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسى

باشقا نامى :شەيتانكەرىش

تونۇشتۇرۇلۇشى

ئالۋاستى شەھىرى قومۇل شەھىرى قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قارادۆۋە يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، قومۇل شەھىرى بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ سىرلىق، چۈشىنىكسىز، يەر شەكلى تونۇش بولمىغان ئادەم ئەگەر بورانغا ئۇچىرىسا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش خەۋپى بار.

قۇمۇل يارداڭلىق يەر شەكلى شەرقتە يەندۇن سىرتىدىكى تۆگە چوققىسىدىن باشلىنىپ يامانسۇ تۆمۈر كېنى، چوڭ بوغاز كۆمۈر كانى، ساركۆل كۆللىرىدىن  ئۆتۈپ، قارادۆۋە سەنجاپارغا بارغۇچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 ~ 5 كىلومېتىر كېلىدۇ، قۇمۇلنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىللىك شامال يالاشتىن تەبىئىي شەكىللەنگەن.

ئالۋاستى شەھىرى ئۇ خۇددى قەلئە، قوبۇلخانا، مۇنار، مەڭگۈ تاش، شەخسلەر، ئۇچار قانات ۋە ھايۋان قاتارلىقلارنىڭ  ھەر خىل شەكىل مەنزىرىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كۆزنى چاقنىتىدىغان تاش شېغىل ئىچىدىكى رەڭگارەڭ ھېقىق، سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، ساپ ئۆسۈملۈك تاش قاتمىسى، دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسى، قۇشلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسى قاتارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە بەزىدە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئاۋازلارنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن «ئالۋاستى شەھىرى» دەپ ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏