چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاغ ئۆچكىسى يەنە تاغ تېكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نۇقتىلىق ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاساسەن شىنجاڭ، گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاغ ئۆچكىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :北山羊

ئىنگلىزچە نامى :Siberian Ibex، Himalayan Ibex، Asiatic Ibex

تارقالغان رايونلار :نىڭشيا، گەنسۇ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :تاغ ئۆچكىسى، ئارقار

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئۆچكە ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاچا تۇياقلىقلار

باشقا نامى :تاغ تېكىسى

خەنزۇچە تولۇق نامى :西伯利亚北山羊

تولۇق نامى :سىبىرىيە تاغ ئۆچكىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈرى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈرى

كەنجى ئائىلىسى :قوي كەنجى ئائىلىسى

بايقىغۇچى :Linnaeus

بايقالغان ۋاقتى :1758-يىلى

لاتىنچە نامى :Capra sibirica

تونۇشتۇرۇلىشى

تاغ ئۆچكىسى يەنە تاغ تېكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نۇقتىلىق ھايۋان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاساسەن شىنجاڭ، گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تارقالغان.

ئۇنىڭ پۇت، تۇياقلىرى تولىمۇ مەزمۇت بولغاچقا خەتەرلىك تىك يارلاردىمۇ ئەركىن-ئازادە سەكرەپ-تاقلاپ يۈرەلەيدۇ. تاغ ئۆچكىسى دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكتىكى چوققىلار ۋە تاغ قاپتىلىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىش كۈنلىرىمۇ پەسرەك جايلارغا بېرىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا، ئەڭ ئېگىز جايدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى، دەپمۇ ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏