چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلار ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا زەھەرلىك چىشى ئارقىلىق قىسقا ئارىلىققا زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چېچىش بىلەن ئۆزىنى قوغدايدىغان بارلىق كۆزەينەكلىك يىلانلارنى كۆرسىتىدۇ.

زەھەر چاچىدىغان كۆزەينەكلىك يىلانلار

3پارچەزەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلارزەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلار ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا زەھەرلىك چىشى ئارقىلىق قىسقا ئارىلىققا زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چېچىش بىلەن ئۆزىنى قوغدايدىغان بارلىق كۆزەينەكلىك يىلانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زەھەرلەرنىڭ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان تېرىگە زىيىنى يەتمەيدۇ. بىراق، بۇ زەھەرلىك سۇيۇقلۇق كۆزگە كىرىپ كەتسە ھەم ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئادەمنى قىسقا مەزگىل قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ.

زەھەر چاچقۇچى كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ زەھىرى ئەمەلىيەتتە ئېتىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم زەھەر چاچقاندا زەھەر خالتىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار قىسىلىپ زەھەرنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئارقىدىن، بۇ زەھەر چىش ئارىلىقىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.

زەھەر چىشتىن ئايرىلغاندا يىلانلارنىڭ ئۆپكىسىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېتىلغان ھالەتتە چىقىدۇ. بۇ يىلانلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە زەھىرىنى 2 مېتىردىن يىراق جايغا چاچالايدۇ.

زەھەر چېچىش زەھەرلىك كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتا ئەڭ دەسلەپ قوللىنىدىغان ۋاستىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنە دۈشمىنىنى چىشلەش ئارقىلىقمۇ زەھەرلەيدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏