چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بالىلاردا قانداق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنى تەربىيلەۋاتقان ئاتا- ئانىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلاردىكى ئوي-خىيال، تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر ئوبراز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئوبراز بالىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بالىلار پىسخىكا تەربىيەسى

خەنزۇچە نامى :儿童心理教育

چۈشەنچە 

بالىلار پىسخىكا تەربىيەسىبالىلاردا قانداق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنى تەربىيلەۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلاردىكى ئوي-خىيال، تەپەككۇرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر ئوبراز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئوبراز بالىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇكى، بالىلارنىڭ قانداق خۇي-پەيلىك بولۇشى، روھىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قانداق بولۇشى، كىشىلىك تۇرمۇش كۆز قارىشىنىڭ قانداق بولۇشى قاتارلىقلار بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاتا-ئانىلار بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.

پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نورمال ئەھۋالدا بالا ئالتە ئايدىن كېيىن ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىگە يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، ئىككى ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا دەسلەپكى قەدەمدە ئەخلاقىي ھېسسىيات پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، 5-6 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىسخىكا تەربىيەسىنى قانچە بۇرۇن باشلىسا، بالىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق، بۇ دەۋرلەردە ئېلىپ بېرىدىغان پىسخىك تەربىيە بالىلارغا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏