چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جاڭ خۈيمېي 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو تەيۋەن تەيدۇڭ ناھىيەسى پۇيۇماچە يېزىسى تەيئەن قەبىلىسىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو تەيۋەنلىك ناخشىچى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جاڭ خۈيمېي

خەنزۇچە ئاتىلىشى :张惠妹

باشقا نامى :A Mei

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :پۇيۇماچە مىللىتى

يۇرتى :تەيۋەن تەيدۇڭ ناھىيەسى پۇيۇماچە يېزىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1972-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :158cm

قان تىپى :B تىپ

كەسپى :ناخشىچى

توختاملاشقان شىركەت :Mei Entertainment

ۋەكىللىك ئەسىرى :ئاچا-سىڭىل، BAD BOY، سىزنى قۇچاقلىسام بولامدۇ سۆيگىنىم، راست ئىش، مەن شاتلىنىمەن، STAR، ئامىتې، سەن ماڭا قاراۋاتامسەن

مۇكاپات-نەتىجىلىرى :تۇنجى قېتىم ئامېرىكا CNN تەرىپىدىن مەخسۇس زىيارەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن

ئەسلى نامى :古历莱·阿密特(Gulilai Amit)

خەنزۇچە باشقا نامى :阿妹,卡兹(Katsu)

شەخس تونۇشتۇرۇلىشى

جاڭ خۈيمېيجاڭ خۈيمېي 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو تەيۋەن تەيدۇڭ ناھىيەسى پۇيۇماچە يېزىسى تەيئەن قەبىلىسىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو تەيۋەنلىك داڭلىق ئايال ناخشىچى، ئاسىيا مودا ناخشا ساھەسىدىكى نامدار خانىش، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا CNN تەرىپىدىن مەخسۇس زىيارەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەمدە «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ ئاسىيا نۇسخسىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان تەيۋەنلىك ناخشىچى، خەنزۇچە ناخشا ساھەسىدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ زور، داڭدار ناخشىچىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا خەنزۇچە ناخشا ساھەسىنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك خانىش، ناخشا پىلاستىنكىلىرىدىن «ئاچا-سىڭىل»، «BAD BOY»، «سىزنى قۇچاقلىسام بولامدۇ سۆيگىنىم»، «راست ئىش»، «مەن شاتلىنىمەن»، «STAR»، «ئامىتې»، «سەن ماڭا قاراۋاتامسەن» قاتارلىق داڭلىق پىلاستىنكىلىرى بار بولۇپ، بارلىق ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سانى پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدە 50 مىليونغا يەتكەن. 2013-يىلى 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى پىروگىراممىسى»غا تۇنجى قېتىم يېتەكچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ شاگىرتى لى چېنىنى يېتەكلەپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏