چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لوڭمېن بازىرى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ فۇياڭ رايونىدا بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 27.17 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 7 مىڭدىن ئاشىدۇ. دۇنيا بويىچە %80 پەي توپ ۋە سېتكا توپ پالىقى مۇشۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لوڭمېن بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :龙门镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :جېجياڭ ئۆلكىسى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :خاڭجۇ شەھىرىنىڭ فۇياڭ رايونى

يەر مەيدانى :27.17 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :7000 كۆپرەك ئادەم

كىلىماتى :ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق مۇسسۇن كىلىماتىغا تەۋە (يېرىم نەم)

باشقا نامى :لوڭمېن قەدىمىي بازىرى 龙门古镇

تېلېفۇن رايون نۇمۇرى :0571

پوچتا رايون نۇمۇرى :311408

داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى :لۇڭمېن تېغى

ماشىنا كودى :浙A

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

5پارچەلوڭمېن بازىرىلوڭمېن بازىرى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ فۇياڭ رايونىدا بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 27.17 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 7 مىڭدىن ئاشىدۇ. دۇنيا بويىچە %80 پەي توپ ۋە سېتكا توپ پالىقى مۇشۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

بۇ بازاردىكى ھەر بىر ئاھالىنىڭ دېگۈدەك ئۆز ئالدىغا كىچىك ئىشخانىسى بار بولۇپ، كەنتتىكىلەر 5-4 تىن يىغىلىپ پاراڭلاشقاچ ئىشلەيدۇ. بىر دانە سېتكا توپ پالىقى توقۇسا 5 موچەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، چاققانراق ئىش قىلىدىغانلار كۈنىگە نەچچە 10 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

لوڭمېن بازىرىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ توپ پالىقى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، دەسلەپتە بامبۇك ياغىچىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. 40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئادەتتىكى پەي توپ پالىقى ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتكا توپ، تىكتاك توپ، ساھىل توپ پالىقى ئىشلەشكە تەرەققىي قىلغان.

جىمجىت ۋە تار كەنت يولىدا غالتەك ئەڭ قولايلىق توشۇمچىلىق قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لوڭمېن بازىرى جۇڭگو بويىچە بىردىنبىر توپ پالىقى يېزىسى، بۇ جايدا ئىشلەنگەن توپ پالاقلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەتكە سېتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏