چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي ئۈرۈمچىنىڭ غەربى شىمال يولى 2 13–نومۇرغا جايلاشقان ،پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكىلەرنى ساقلايدىغان ،پەن تەتقىقات ۋە تەشۋىق تەربىيە ئورگىنى1953- يىلى قۇرۇشنى پىلانلاپ 1958 -يىلى–قۇرۇلۇشنى باشلىغان، 1959 –يىلى رەسمى قۇرۇلغان ،دەسلەپكى موزىينىڭ قۇرۇلمىسى بولسا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ خەنزۇچە تاغ خېتى شەكلىدە تەكشى ھالەتتىكى قۇرۇلۇش ئىدى ، 1962- يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەم سىرتقا ئېچىۋەتكەن .«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي » دېگەن بۇ موزىي ئىسمى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئىنقىلاپچى ،رەئىس جۇدې 1959-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەلەرنى تەكشۈرگەندە موزىي دېگەن نامنى بەرگەن .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي

خەنزۇچە نامى :新疆维吾尔自治区博物馆

تۈرى :ئونۋېرسال خارەكتىرلىك موزىي

ساقلانغان نەرسىلەر سانى :32000 دانە

قۇرۇلۇش پۈتكەن ۋاقتى :1959-يىلى

ئادىرسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايونى غەربى شىمال يولى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىي بولسا جۇڭگودىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئونۋېرسال خارەكتىرلىك تارىخى موزىي ،ئورنى ئۈرۈمچى غەربى شىمال يولىدا، 1953 - يىلى تەييارلىق قىلىنىپ 1963-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى ، بۇرۇنقى قۇرۇلىشى يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ ،1962-يىلى ھازىرقى موزىيغا ئايلانغان ھەمدە سىرتقا ئېچىۋېتكەن ،يېڭى ئاپتۇنۇم رايولۇق موزىي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتى ، خەلق ھۆكۈمىتى ،ھەمدە مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆاۈپ قوللىشى ئاستىدا   ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ،2005-يىلى داغدۇغىلىق ھالدا سىرتقا ئېچىۋەتتى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزكىزى كومتىتى سىياسى بيورۇنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ،ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق رەھبەرلەر زىيارەتتە بولدى ،يېڭى موزىينىڭ كۆلىمى 17288 كۇۋادىرات مېتىر ،يەرئاستى بىر قەۋەت ،يەر ئۈستى ئىككى قەۋەت ،،ئومۇمىي ئىگىزلىكى 18.5 مېتىر ،بۇ موزىينىڭ تەتقىقات خىزمىتى بولسا قەدىمىي ئاسار ـ–ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ، بۇ قۇرۇلۇش ئىنتايىن قويۇق بولغان غەربى يۇرت ئۇسلۇبىغا ئىگە ۋە قويۇق بولغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن.   

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏