چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېنېدىكت كامبېربەچ ئەنگلىيە لىك داڭلىق ئاكتىيور، ئاۋاز ئارتىسى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «شېرلوك» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :بېنېدىكت كامبېربەچ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :本尼迪克特·康伯巴奇

باشقا نامى :Benedict Cumberbatch

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

يۇرتى :لوندون

تۇغۇلغان ۋاقتى :1976-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :184 سانتىمىتېر

كەسپى :ئاكتىيور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئاۋاز ئارتىسى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :مانچىستىر ئۇنۋېرستىتى، لوندون مۇزىكا ۋە تىياتىر سەنئىتى ئىنىستىتۇتى(ماگىستىر)

ئىلگىرىكى ۋاقىتلىرى

بېنېدىكت كامبېربەچ باشلانغۇچ مەكتەپنى غەربىي ساسكىستا، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى خاروۋ جامائەت مەكتىپىدە تاماملىغان. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا رول ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «ياز كېچىسىدىكى چۈش» دا تىتاينىيانىڭ رولىغا چىققان (بۇ شېكىسپىرنىڭ دراممىسى). كېيىنچە ئۇ يەنە «مال ساتقۇچىنىڭ ئۆلۈمى» دە ۋېلى روماننىڭ رولىغا چىققان (بۇ ئارتۇر مىلىننىڭ دراممىسى).

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مانچىستىر ئۇنۋېرستىتىدا تىياتىر كەسپىدە ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېنىدىكت كامبىربەچ لوندون مۇزىكا ۋە تىياتىر سەنئىتى ئىنىستىتۇتىدا ئىچكىرىلەپ ئوقۇپ، كىلاسسىك ئورۇنداش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏