چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھەشقىپىچەك يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق يۆگىمەچلىشىپ ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان قىرلىق، قارا ياكى ئاق رەڭلىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ. پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ھەشقىپىچەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :牵牛子

پارسچە نامى :Pharbitis nil (Linn.) Choisy

شەكلى :كانايسىمان

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

تونۇشتۇرۇلىشى

4پارچەھەشقىپىچەك ئۇرۇقىھەشقىپىچەك يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق يۆگىمەچلىشىپ ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈكنى ئاق ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ يۈرەكسىمان، ئالدىنقى تەرىپى قىسقا ئۇچلانغان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئومۇم گۈل سېپى قولتۇقىدىن ئۆسكەن، گۈل سېپىنىڭ ئۇچىدا بىردىن بەشكىچە گۈل ئۆسىدۇ، گۈل تاجىسى كانايسىمان بولۇپ، رەڭگى ئادەتتە كۆكۈش سۆسۈن ھال ۋە ئاق رەڭدە بولىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان قىرلىق، قارا ياكى ئاق رەڭلىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏