چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۆك بۇيا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بېدىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە قىسقا، يۇمشاق ئاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يىلتىزى تىك، ئىنچىكە، ئۇزۇن. پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كۆك بۇيا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :苦豆子

شەكلى :تۇخۇم شەكلىدە

تەمى :قېرىق

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :قۇرۇق ئىسسىق

تونۇشتۇرۇلىشى

كۆك بۇيا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بېدىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە قىسقا، يۇمشاق ئاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يىلتىزى تىك، ئىنچىكە، ئۇزۇن. يان يىلتىزلىرى كۆپ بولىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، شەكلى سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق، كېپىنەككە ئوخشايدۇ، قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان، ئۇرۇقى سارغۇچ تۇخۇم شەكلىدە، تەمى ئىنتايىن قېرىق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏