چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نامەلۇم پارازىت جانلىقلار يەر شارىغا كېلىپ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى ئىگىلىۋېلىش (يەۋېىتىپ ئۆزى ئورنىغا كىرىۋالىدۇ) ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئىنسان سىياقىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەمما بەزى ئاز ساندىكى پارازىتلارنىڭ مېڭىنى ئىگىلىۋېلىشى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :پارازىتلار

خەنزۇچە ئاتىلىشى :寄生兽 生命的准则

تۈرى :فانتازىيە، قورقۇنچلۇق

باشقا نامى :寄生獣 セイの格率

قويۇلغان ۋاقتى :2014-يىل 10-ئاي

ئىشلىگەن شىركەت :ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

رېژىسسور :شىمىزۇ كېنئىچى

سېنارىست :يونېمۇرا شوجى

بۆلۈم سانى :24

ئاپتور :ئىۋاكا خىتوشى

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

نامەلۇم پارازىت جانلىقلار يەر شارىغا كېلىپ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنى ئىگىلىۋېلىش (يەۋېىتىپ ئۆزى ئورنىغا كىرىۋالىدۇ) ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئىنسان سىياقىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەمما بەزى ئاز ساندىكى پارازىتلارنىڭ مېڭىنى ئىگىلىۋېلىشى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنيىچى دەل شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ شىنيىچىنىڭ ئوڭ قولى پارازىت تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىدۇ، شۇندىن كېيىن شىنيىچى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ قولى (كېيىن ئوڭ دېگەن مەنىدە مىگى دەپ ئىسىم قويۇپ قويىدۇ) بىر قاتار خەتەرلىك سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بولۇپمۇ شىنيىچىنىڭ ئاپىسىنى پارازىت ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، شىنيىچىنىڭمۇ يۈرىكىگە تىغ ئۇرۇۋېتىدۇ، بەختكە يارىشا  مىگى ئۆز ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن شىنيىچىنىڭ يۈرىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەمما بەزى ھۈجەيرىلەر شىنيىچىنىڭ قېنى بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكتىن شىنيىچىمۇ بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏