چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كىشلەر كۈندە دىگۈدەك خۇمۇز قىيامى يەيدۇ، خۇمۇز قىيامىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى نوقۇت بولۇپ، نوقۇت نىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

تونۇشتۇرۇلىشى

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كىشلەر كۈندە دىگۈدەك خۇمۇز قىيامى يەيدۇ، خۇمۇز قىيامىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى نۇقۇت بولۇپ، نۇقۇتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

خۇمۇز قىيامىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار بولۇپ، ناھايىتى ساغلام تاماق دەپ قارىلىدۇ. نۇقۇتتا مول ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار بولۇپ، چوڭ-ياش ھەممەيلەننىڭ يىيىشىگە ماس كېلىدۇ.

ئېتىش ئۇسۇلى

خۇمۇز قىيامى ياساش مۇرەككەپ ئەمەس، ئالدى بىلەن نۇقۇتنى يۇيۇپ چىلاپ يۇمشىتىمىز، تەخمىنەن 8-10 سائەتكىچە چىلىساق بولىدۇ. ئاندىن يۇمشىغان نۇقۇتنى قاينىتىپ تولۇق پۇشۇرىمىز. نوقۇت نى سۈزۈپ ئېلىپ تولۇق ئىزىپ، ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز، ئاندىن ئازراق زەيتۇن مېيى قۇيىمىز. ئارقىدىن ئۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرىشىمىزگە قاراپ ئازراق ئۇۋاق لازا ياكى لېمون سۈيى قوشساق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏