چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پىچاق — ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تونۇشتۇرۇلىشى

پىچاق — ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئەسۋاب بولۇپ، پولاتتىن ياسالغان بىر ياكى ئىككى بىسلىق، سېپى بار كېسىش ئەسۋابلىرىنى ھەم سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئىستانوكلارنىڭ تىغ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈرلىرى

پىچاقلار ئاساسلىقى: قىڭراق، باققال پىچىقى، قاسساپ پىچىقى، ئۈگرە پىچىقى، ئۇستىرا، قەلەمتىراش، قىلىچ، خەنجەر قاتارلىقلار بولۇپ، كۇچادا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مۇنداق پىچاق، قايچا، قەلەمتىراشلار يېنىك، چاققان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولغاچقا، نۆۋەتتە پىچاقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تېز ئاشماقتا. كۇچا پىچاقلىرى (قەلەمتىراشلار) ئاساسەن كۆزلۈك پىچاق، ئۈچ كۆزلۈك پىچاق، تەيچە پىچاق، قىرلىق پىچاق، كۆپتۈرمە پىچاق، بادام نۇسخىلىق پىچاق، تاپان نۇسخىلىق پىچاق، چېچەكگۈل پىچاق، موزدۇز قايچا-پىچىقى، تىككۈچى قايچا-پىچىقى، گىلەم قايچا-پىچىقى، تۇماقچى قايچا- پىچىقى، جۇۋىچى قايچا-پىچىقى، قاڭالتىر قايچىسى، ئورغاق، ئوتىغۇچ قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏