چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پەربۇن كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پەربۇنغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى ھارارەتنى پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، مىزاجنى تەڭشەش، تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :پەربۇن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :柴胡

شەكلى :ئۇزۇن سوقىچاق

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :ھۆل سوغۇق

تونۇشتۇرۇلىشى

پەربۇنپەربۇن كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پەربۇنغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ، قوۋزىقى قارامتۇل خورما رەڭلىك بولۇپ، مەززىلىك پۇرايدۇ، غولى سەل <Z> ھەرىپىگە ئوخشاپراق ئېگىلگەن بولۇپ، تۈۋىدە تالاسىمان ساپاق قالدۇق ئىزلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك يوپۇرماق؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان، گۈللىرى كىچىك ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ؛ مېۋىسى جۈپ، رەڭگى قوڭۇر، شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏