چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يارماقگۈل كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يارماقگۈل

خەنزۇچە ئاتىلىشى :活血丹

پارسچە نامى :Glechoma longituba (Nakai) Kupr

شەكلى :كالپۇكسىمان

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نەم جايلاردا

تەبىئىتى :ھۆل سوغۇق

پىنيىنچە يېزىلىشى :huó xuè dān

تونۇشتۇرۇلىشى

يارماقگۈليارماقگۈل كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، يۇمشاقراق، تۆت قىرلىق بولۇپ، تىك ياكى قىيپاش ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، يۈرەك ياكى بۆرەك شەكلىدە، گىرۋىكى يۇمىلاق چىشسىمان، غولىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن سېپى بار؛ گۈلى سۆسۈن، كالپۇكسىمان، كۆپىنچە ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏