چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش غالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، بەدەننى قورۇش ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :غالچەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :千屈菜

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :قۇرۇق سوغۇق

تونۇش

5پارچەغالچەكغالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏