چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش غاز تاپان ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز تاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :غاز تاپان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :翻白草

پارسچە نامى :Potentilla discolor Bge.

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :قۇرۇق سوغۇق

تونۇشتۇرۇلىشى

غاز تاپانغاز تاپان ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز تاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى قىسقا تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ، ياغاچلاشقان، غولى كۆپ، شاخلىمايدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى كۆپ بولۇپ، ئالىقانسىمان بەشكە يېرىلغان، يېرىقچىلىرى سوقىچاق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئۈچتىن بەش بۆلەككە يېرىلغان بولۇپ، كەينى تەرىپى زىچ ئاق تېۋىتلىق؛ گۈلى سېرىق، يالغۇز ياكى بىرنەچچىسى بىللە غولىنىڭ ئۇچىدا ياكى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏