غالچەك(ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش غالچەك (Lythrum salicaria L) غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، جۇڭگو، ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، ئالجىرىيە، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :غالچەك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :千屈菜

تارقالغان رايونلار :جۇڭگو، ئاسىيا قىتئەسى، ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ ئالجىرىيە

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :قىزىل مىرتا چاتقىلى تۈركۈمى

ئائىلىسى :غالچەك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :غالچەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :غالچەك

كەنجى سىنىپى :دەسلەپكى گۈل كەنجى سىنىپى

لاتىنچە نامى :Lythrum salicaria L.

باشقا نامى :ياۋا تال

سىرتقى شەكىلى

10پارچەغالچەكغالچەك غالچەك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غالچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمى تۆت قىرلىق، تۆۋەن قىسمى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى يوق دېيەرلىك، شەكلى تېمىنەسىمان، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان؛ گۈلى يەككە ھالدا شاخ ئۇچىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسكەن، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، توپلىشىپ باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى سوقىچاقراق يۇمىلاق بولۇپ، پۈتۈنلەي گۈل كاسسىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ ۋە ئۇششاق بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏