چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بەھمەن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :补血草

پارسچە نامى :Limonium sinense (Girard) Kuntze

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

تەبىئىتى :قۇرۇق ئىسسىق

پىنيىنچە يېزىلىشى :bǔ xuè cǎo

تونۇشتۇرۇلىشى

بەھمەنبۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك بولۇپ، يۇقىرى قىسمى شاخلايدۇ. بىر تەرەپكە قىيپاش ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇزۇنچاقراق تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق بولۇپ، بەسەيگە ئوخشاش توپلىشىپ ئۆسىدۇ. غولىدىكى يوپۇرمىقى يىگلەپ تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، رەڭگى قوڭۇر بېغىر رەڭ، گىرۋىكىدە ئاق پەردىلەشكەن ماددىلىرى بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى خۇددى سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ، گۈل كاسسا ياپرىقى پەردىلەشكەن، رەڭگى ئاق، ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، گۈلى كۆكۈش سۆسۈن كېلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏